141. باب ئىجازەت سورىغۇچىغا: «سىز كىم؟»، دېيىلسە، ئۇ كىشىنىڭ: «مەن پالانچى»، دەپ ئىسمىنى ياكى تەخەللۇسىنى ئېيتىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى ۋە «مەن»، دېيىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
874. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مىئراج توغرىسىدىكى مەشھۇر ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ثُمَّ صَعِدَ بي جِبْريلُ إلى السّماء الدُّنيا فاستفتح » فقيل: منْ هذا؟ قال: جبْريلُ، قِيلَ: وَمَنْ مَعَك؟ قال: مُحمَّدٌ. ثمَّ صَعِدَ إلى السَّماء الثّانية فاستفتح، قيل: مَنْ هذا؟ قال: جبريلُ، قيل: وَمَنْ مَعَكَ؟ قال: مُحَمدٌَّ والثّالثة والرَّابعة وَسَائرهنَّ وَيُقالُ في باب كل سماء: مَنْ هذا؟ فَيقُولُ: جبريل » « ئاندىن جىبرىئىل مېنى بىرىنچى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ، ئاسماننىڭ ئىشىكىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى.
― كىم؟ - دېيىلدى.
ئۇ: ‹جىبرىئىل›، دېدى.
― سەن بىلەن كىم بار؟ ― دېيىلدى.
جىبرىئىل: ‹مۇھەممەد›، دېدى.
ئاندىن مېنى ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى ۋە قالغان ئاسمانلارغا ئېلىپ چىقتى. ھەر بىر ئاسماننىڭ ئىشىكىدە: ‹بۇ كىم؟›، دېيىلەتتى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: ‹جىبرىئىل›، دەيتتى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
875. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « بىر كېچىسى سىرتقا چىققانىدىم، قارىسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يالغۇز كېتىۋېتىپتۇ، مەن (كېچە قاراڭغۇسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن، دەپ) ئاي قاراڭغۇسىدا ماڭدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەينىگە بۇرۇلۇپ مېنى كۆرۈپ قېلىپ: « مَنْ هذا؟ » ‹كىم؟ » ، دېدى. مەن: ‹ئەبۇ زەر›، دېدىم » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
876. ئۇممۇ ھانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلسەم، ئۇ يۇيۇنۇۋاتقانىكەن، فاتىمە ئۇنى پەردە بىلەن توسۇپ تۇرۇۋاتقانىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مَنْ هذه » ‹كىم؟›، دېۋىدى، مەن: ‹ئۇممۇ ھانىي›، دېدىم » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
877. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشكىگە بېرىپ ئىشكىنى قاقتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « من هذا؟ » « كىم؟»، دېدى. مەن: « مەن » ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ « مەن »، د ېگەنلىكىمنى ياقتۇرمىغاندەك: « أنا، أنا؟ » « مەن، مەن » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىجازەت سورالغۇچى ئادەم ئىجازەت سورىغۇچىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىماقچى بولسا، ئىجازەت سورىغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ قوللىنىۋاتقان ئىسمى ياكى لەقىمىنى ئېيتىپ بېرىش كېرەكلىكى.
2) ئىشىك قېقىش سۆز بىلەن ئىجازەت سوراشنىڭ ئورنىنى باسىدىغانلىقى.
3) يۇقىرىقى ھەدىسىلەردىن مەلۇمكى ئىجازەت سورىغۇچىنىڭ «كىم»، دەپ سورالغان سوئالغا «مەن»، دەپ ۋە ياكى كىملىكىنى ئېنىق بىلدۈرەلمەيدىغان باشقا سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، بەلكى ئېنىق ھالدا ئىسمىنى دېيىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى.