رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

142. باب چۈشكۈرگۈچىنىڭ « اَلْحَمْدُ ِللهِ » (ھەمدۇسانا ئاللاھ ئۈچۈندۇر) دېيىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

878. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إن الله يُحِبُّ الُعطاسَ وَيَكْرَهُ التَّثاُؤبَ، فَإذَا عَطَس أحَدكُم وحمد الله تعالى كانَ حقَّا على كل مسلم سمعهُ أن يقول له يرحمك الله وأما التّثاوب فإنما هو من الشيطان، فـإذا تثاءب أحدكم فليردُّهُ ما استطاع، فإن أحدكم إذا تثاءب ضَحِكَ منه الشيطان » « ئاللاھ تائالا چۈشكۈرۈكنى ياقتۇرىدۇ، ئەسنەكنى يامان كۆرىدۇ. بىر كىشى چۈشكۈرۈپ: ‹ اَلْحَمْدُ ِللهِ › (ھەمدۇسانا ئاللاھ ئۈچۈندۇر) دېسە، ئاڭلىغۇچى ‹ يَرْحَمُكَ اللهُ › (ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن) دېيىشكە تېگىشلىك. ئەسنەك شەيتان تەرىپىدىن بولىدۇ. ئەسنەك كەلگەندە مۇمكىنقەدەر ئۇنى قايتۇرغىن، ئەسنىگەن كىشى ‹ھا›، دېسە، شەيتان ئۇنىڭدىن كۈلىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) چۈشكۈرگەندە ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى، چۈنكى چۈشكۈرۈش بەدەندىكى ھۆللۈكنى دەفىئ قىلىدۇ. دىماغنى جانلاندۇرىدۇ. ئەزىيەتنى كەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەزالارنىڭ سالامەتلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چۈشكۈرۈپ « اَلْحَمْدُ ِللهِ »، دېگۈچىگە ئاڭلىغان ئادەمنىڭ « يَرْحَمُكَ اللهُ »، دېيىشى سۈننىتى مۇئەككىدە ئىكەنلىكى.

2) ئەسنەكنى توسۇش ئۈچۈن ئېغىزنى ئېتىۋېلىش ياكى قولنى ئېغىزغا قويۇۋېلىشقا تەرغىب قىلىنىدىغانلىقى.

879. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذَا عَطَسَ أَحَدُكُمْ فَلْيَقُل: اَلْحَمْدُ لِلّهِ، وَلْيَقُلْ لَهُ أَخُوهُ أَوْ صَاحِبُهُ: يَرْحَمُكَ الله، فَإِذَا قَالَ لَهُ: يَرْحَمُكَ الله فَلْيَقُلْ: يَهْدِيْكُمُ اللهُ وَيُصْلِحُ بَالَكُمْ » « بىرىڭلار چۈشكۈرسە، ‹ اَلْحَمْدُ ِللهِ › (ھەمدۇسانا ئاللاھ ئۈچۈندۇر) دېسۇن، چۈشكۈرگەن كىشىگە ئۇنىڭ قېرىندىشى ياكى ھەمراھى: ‹ يَرْحَمُكَ اللهُ ›، دېسۇن، ئەگەر ‹ يَرْحَمُكَ اللهُ › (ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن) دېيىلسە، چۈشكۈرگەن قېرىندىشى: ‹ يَهْدِيْكُمُ اللهُ وَيُصْلِح بَالَكُمْ › (ئاللاھ تائالا سىلەرنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ھالىڭلارنى ياخشىلىسۇن)، دېسۇن » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

880. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إذا عَطَس أحدُكُم فحمد الله فشمتوه، فإنْ لم يحمد الله فلا تُشمتوه » « سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۈشكۈرۈپ ‹ اَلْحَمْدُ ِللهِ › (ھەمدۇسانا ئاللاھ ئۈچۈندۇر) دېسە، ‹ يَرْحَمُكَ اللهُ › (ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن)، دەپ جاۋاب قايتۇرۇڭلار، ‹ اَلْحَمْدُ ِللهِ ›نى دېمىسە، ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرماڭلار » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

881. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىككى كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا چۈشكۈرگەنىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ بىرىگە جاۋاب بېرىپ، يەنە بىرىگە جاۋاب بەرمىدى. رەسۇلۇللاھ جاۋاب قايتۇرمىغان كىشى: « ئى رەسۇلۇللاھ، پالانى چۈشكۈرسە جاۋاب بېرىپ، مەن چۈشكۈرسەم جاۋاب قايتۇرمىدىڭغۇ؟ » ، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: « هَذَا حَمِدَ الله، وَإِنََّكَ لَمْ تَحْمَدِ الله » « چۈنكى، ئۇ ‹ اَلْحَمْدُ ِللهِ ، د ېدى. سەن ‹ اَلْحَمْدُ ِللهِ ، د ېمىدىڭ » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) چۈشكۈرگەندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتقان « اَلْحَمْدُ ِللهِ »، دېگەن كىشىگە « يَرْحَمُكَ اللهُ »، دېيىش كېرەكلىكى، ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتمىغان « اَلْحَمْدُ ِللهِ »، دېمىگەن) كىشىگە بولسا « يَرْحَمُكَ اللهُ »، دېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقى.

2) ئىشلارنىڭ ھېكمىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ بېرىشكە بولىدىغانلىقى.

3) ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغان (ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان) كىشىلەرنى ئىززەتلەش، سۈننەتنى تەرك ئەتكەن كىشىگە ئۇنىڭ كەمچىلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش.

882. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشكۈرگەن چاغدا قولىنى ياكى كىيىمىنى ئاغزىغا قويۇۋالاتتى ۋە ئاۋازىنى پەسلىتەتتى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) چۈشكۈرگۈچىنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە تۈكرۈك چاچرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئېغىز-بۇرنىغا بىر نەرسە قويۇپ چۈشكۈرۈشنىڭ سورۇن ئەدەبلىرىدىن ئىكەنلىكى.

2) تۆۋەن ئاۋازدا چۈشكۈرۈشنىڭ تەشەببۇس قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاققا ياتىدىغانلىقى.

883. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىگە « يَرْحَمُكَ اللهُ »، د ېسىكەن، دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھوزۇرىدا چۈشكۈرۈشەتتى. بىراق، رەسۇلۇللاھ: « يَهْدِيْكُمُ اللهُ وَيُصْلِح بَالَكُمْ » (ئاللاھ تائالا سىلەرنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ھالىڭلارنى ياخشىلىسۇن)، دەيتتى.

― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەقەت مۇسۇلمانلارغىلا رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلىش كېرەكلىكى.

2) غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا دۇئا قىلىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.

3) ئەھلى كىتابلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى كۆڭلىدە بىلىدىغانلىقى، لېكىن ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقى بۇنى ئېتىراپ قىلىشقا قويمايدىغانلىقى.

884. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذَا تَثاءَبَ أحَدُكُمْ فَلْيُمسكْ بَيده على فيه فإنَّ الشيطان يدْخل » « سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەسنىگەن چاغدا، قولى بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋالسۇن، چۈنكى شەيتان ئېغىزدىن كىرىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شەيتانلارنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىق ئۈچۈن ئەسنىگەندە قولىنى ئېغىزغا قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىسلامى ئەدەب-ئەخلاقنى ساقلاش كېرەكلىكى ۋە بۇنىڭ مۇكەممەللىكنىڭ ۋە ئەخلاقنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكى.

3) مۇسۇلمانلارنىڭ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ۋە ئازدۇرۇشىدىن يىراق بولۇشىنىڭ لازىملىقى.

4) ئاۋاز چىقىرىپ ئەسنەشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ئىبن ماجە مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « وَلَايَعْوي فَإِنَّ الشَّيْطَانَ يَضْحَكُ مِنْهُ » «ئاۋاز چىقارما، بۇنداق قىلساڭ شەيتان سەندىن كۈلىدۇ».

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ