143. باب قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا
885. ئەبۇ خەتتاب قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئەنەسكە: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئارىسىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئادىتى بارمىدى؟»، دەپ سورىسام، ئۇ: « ھەئە » ، دەپ جاۋاب بەردى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ يوللۇقلۇقى ۋە ئۇنىڭ ساھابىلەر ئارىسىدا مەۋجۇتلۇقى، بۇ ساھابىلەر ۋە تابىئىنلار سۆزسىز بىرلىككە كەلگەن ئىش بولۇپ، دەلىل ھېسابلىنىدىغانلىقى.
886. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، يەمەنلىكلەر كېلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قَدْ جَاءَكُمْ أهْلُ الْيَمَنِ، وَهُمْ أولُ مَنْ جَاءَ بالمُصَافَحَة » « سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا يەمەنلىكلەر كەلدى، ئۇلار ئەڭ بۇرۇن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى ئادەت قىلغان خەلق » ، دېدى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈكۈت ئارقىلىق ماقۇللىغان ئىش ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئادەتنى كىشىلەر ئارىسىغا تۇنجى بولۇپ ئېلىپ چىققانلارنىڭ يەمەنلىكلەر ئىكەنلىكى.
887. بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ما مِنْ مُسْلِمْيِن يَلْتَقِيَانِ فَيَتَصافَحَانِ إلا غُفر لَهما قبل أن يفترقا » « ئىككى مۇسۇلمان ئۇچرىشىپ قول ئېلىشىپ سالاملاشسا، ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۇچراشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ۋە بۇنى تەرغىب قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، بۇنداق قىلىشنىڭ كىچىك گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغان ياخشى ئەمەللەردىن ئىكەنلىكى. قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى.
888. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم: « ئى رەسۇلۇللاھ! بىر كىشى قېرىندىشى ياكى دوستىغا ئۇچراپ قالغاندا ئېگىلىپ كۆرۈشسە بولامدۇ؟»، دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: « لا » « ياق » ، دېدى. ئۇ ئادەم: « ئەمىسە قۇچاقلاشسا ۋە سۆيۈشسە بولامدۇ؟»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: « لا » « ياق » ، دېدى. ئۇ ئادەم يەنە: « ئەمىسە قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە بولامدۇ؟»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: « نَعَمْ » « ھەئە » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۇچراشقاندا ئېگىلىپ تەزىم بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ نەھيى قىلىنغان بىدئەت ئىش ئىكەنلىكى. قۇچاقلىشىپ، بىر-بىرىنى سۆيۈپ كۆرۈشۈشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، سەپەردىن كەلگەن ياكى ئۇزۇن ۋاقىت كۆرۈشمىگەن كىشىلەر بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.
889. سەفۋان ئىبن ئەسسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر يەھۇدىي دوستىغا: « يۈرە، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا بارايلى » ، دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن توققۇز روشەن ئالامەت توغرىسىدا سورىدى. سەفۋان ھەدىسنىڭ داۋامىنى ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ قول-پۇتلىرىغا سۆيۈپ: « سېنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمىز » ، دېگەن سۆزگە قەدەر بايان قىلدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تەقۋادار، سالىھ كىشىلەرنى تەۋەررۈك بىلىپ، ئۇلارنىڭ قوللىرىغا سۆيۈشنىڭ جائىزلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قولىغا باشقىلار سۆيگەندە ئۇلارنى توسمىغان.
890. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ سۆزلەپ بەرگەن ۋەقەدە: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن كېلىپ قولىغا سۆيدۈق، دېگەن سۆزلەر بار ئىدى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
891. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، زەيد ئىبن ھارىس مەدىنىگە كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۆيۈمدە ئىدى. زەيد كېلىپ ئىشىكنى چەكتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ تونىنى سۆرىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ قۇچاقلىدى ۋە سۆيدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەگەر پىتنىدىن ئەمىن بولالىسا، سەپەردىن قايتىپ كەلگەنلەر بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ كۆرۈشۈشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى. مۇشۇ بابنىڭ 4- ھەدىسىدە كەلگەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ كۆرۈشۈشنى نەھيى قىلغانلىقنىڭ ھارام دەرىجىسىدە ئەمەس، مەكرۇھ دەرىجىسىدە ئىكەنلىكى.
2) ياخشى كۆرگەن كىشىلەر بىلەن مۇلاقات بولۇشقا ئالدىراش.
3) زەيد ئىبن ھارىسنىڭ پەزىلىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى.
892. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەنىدى، دەيدۇ: « لاتَحقِرَنَّ مِنَ المعْرُوف شَيْئاً وَلَو أن تلقى أخاك بوجه طليق » « ياخشىلىقلار ئىچىدىكى بۇرادىرى بىلەن خۇش چىراي كۆرۈشۈش چاغلىق ئىشنىمۇ كىچىك چاغلىمىغىن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سەپەردىن كەلگەن ياكى ئۇزۇن ۋاقىت كۆرۈشمىگەنلەر بىلەن ئۇچراشقاندا خۇش چىراي، تەبەسسۇم بىلەن كۆرۈشۈشكە تەرغىب قىلىش.
893. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەننى سۆيگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئەقرە ئىبن ھابىس ئولتۇراتتى. ئەقرە: « مېنىڭ ئون بالام بار، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى سۆيگەن ئەمەسمەن » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاراپ قويغاندىن كېيىن: « مَنْ لاَيَرْحَمْ لا يُرْحَمَْ » « مېھرىبان بولمىغان ئادەمگە ئاللاھ تائالا مېھرىبان بولمايدۇ » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىچىك بالىلارغا مېھرىبانلىق قىلىپ، ئۇلارنى سۆيۈپ قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ مېھىر-شەپقەتنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم-شەپقەت قىلىشنىڭ بەندىلەرنىڭ ئۆزئارا رەھىمدىل بولۇشى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى.