رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

145. باب كېسەل ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئالار توغرىسىدا

901. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىرەر كىشى رەسۇلۇللاھقا ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى ياكى جاراھەتلەنگەنلىكىنى شىكايەت قىلىپ كەلسە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيتتى، دەپ رىۋايەت قىلغۇچى سۇفيان ئىبن ئۇيەينە رەسۇلۇللاھنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى يەرگە تەگكۈزۈپ ئاندىن كۆتۈرۈپ مۇنداق دېدى: « بِسْمِ اللَّهِ، تُربَةُ أَرْضِنا، بِرِيقَةِ بَعْضنَا، يُشْفَى بِهِ سَقِيمُنَا، بِإِذْن رَبِّنَا » « ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەنكى، زېمىنىمىزنىڭ تۇپرىقى، بەزىمىزنىڭ سۈف قىلىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىزنى بىلەن كېسىلىمىز شىپا تاپىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەللەرنىڭ شىپا تېپىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇلارنى سۈفلەپ ۋە پاكىز توپا ئارقىلىق داۋالاپ ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن ساقايتاتتى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس مۆجىزىلەر ھېسابلىنىدۇ.

2) «شىپالىق پەقەت ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدۇ»، دېگەن ئېتىقاد بىلەن ھەر خىل سەۋەب قىلىپ داۋالاپ بېقىش ۋە تېبابەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن كېسىلى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراشنىڭ لازىملىقى.

902. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ بىرىنى (كېسىلىنى) يوقلاپ بارغاندا ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: « اللَّهُمَّ ربَّ النَّاسِ، أَذْهِب الْبَأسَ، واشْفِ، أَنْتَ الشَّافي لا شِفَاءَ إِلاَّ شِفَاؤُكَ، شِفاءً لا يُغَادِرُ سقَماً » « ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، كېسەللىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، پەقەت سېنىڭ بەرگەن شىپايىڭلا ئۈنۈملۈك بولىدۇ. شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

903. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ سابىتقا: « رەسۇلۇللاھ ئوقۇپ سالىدىغان دەمنى ساڭا سەپ قويايمۇ؟ » ، دېدى. سابىت: « بولىدۇ، سالغىن » ، دېۋىدى، ئۇ تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇدى: « ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئوقۇبەتنى كەتكۈزگۈچى! شىپالىق بەرگىنكى، سەنلا شىپالىق بېرىسەن، سەندىن باشقا شىپالىق بەرگۈچى يوق، شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، ھېچقانداق كېسەللىك قالمىغاي » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەر قانداق كېسەلگە رۇقىي (كېسەللەرگە ئوقۇلىدىغان دۇئا) ئوقۇسا بولىدىغانلىقى. ئالىملار رۇقىي ئوقۇشنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل شەرت ئاستىدا جائىز دەپ قارىدى:

1) رۇقىي (ئوقۇلىدىغان دۇئا) ― چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ياكى ئىسىم-سۈپەتلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

2) ئەرەب تىلىدا بولۇشى ياكى مەنىسى ئېنىق ئىبارىلەر بىلەن بولۇشى.

3) رۇقىينىڭ ئۆزىلا تەسىر قىلالمايدۇ، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن تەسىر قىلىپ ساقىيىدۇ دەپ قارىشى، ئەڭ ياخشىسى ھەدىسلەردە كەلگەن ئىبارىلەر بىلەن رۇقىي قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

904. سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كېلىپ: « اللَّهُمَّ اشْفِ سعْداً، اللَّهُمَّ اشْفِ سَعْداً، اللَّهُمْ اشْفِ سَعداً » « ئى ئاللاھ! سەئدكە شىپالىق بەرگىن، ئى ئاللاھ! سەئدكە شىپالىق بەرگىن، ئى ئاللاھ! سەئدكە شىپالىق بەرگىن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كېسەل يوقلاپ بارغاندا كېسەلنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ شىپالىق تىلەپ دۇئا قىلىپ قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

905. ئەبۇ ئابدۇللاھ ئوسمان ئىبن ئەبىلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەدىنىدىكى ئاغرىقتىن شىكايەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: « ضَعْ يَدَكَ عَلى الذي يَأْلَمُ مِن جَسَدِكَ وَقلْ: بِسمِ اللَّهِ ثَلاثاً وَقُلْ سَبْعَ مَرَّاتٍ: أَعُوذُ بِعِزَّةِ اللَّهِ وَقُدْرَتِهِ مِن شَرِّ مَا أَجِدُ وَأُحاذِرُ » « قولۇڭنى بەدىنىڭدىكى ئاغرىۋاتقان جايغا قويۇپ ئۈچ قېتىم ‹ بِسْمِ الله ›، دېگىن ۋە يەتتە قېتىم ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن ۋە قۇدرىتى بىلەن ئۆزۈم سېزىپ، ئاقىۋىتىدىن قورقۇپ تۇرغان كېسەلنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، دېگىن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەدىستىكى مەزكۇر شەكىل ۋە دۇئا بىلەن ئۆزىگە ئۆزى رۇقىي ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

906. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ عَادَ مَرِيضاً لَمْ يَحْضُرْهُ أَجَلُهُ، فقالَ عِنْدَهُ سَبْعَ مَرَّات: أَسْأَلُ اللَّه الْعَظِيمَ رَبَّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ أَنْ يَشفِيَك: إِلاَّ عَافَاهُ اللَّه مِنْ ذلكَ المَرَضِ » « كىمكى ئەجىلى توشمىغان بىر كېسەلنى يوقلىغان چاغدا، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ يەتتە قېتىم ‹ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بۈيۈك ئاللاھ تائالادىن ساڭا شىپالىق بېرىشنى سورايمەن›، دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مۇشۇ كېسەلدىن خالاس قىلىدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كېسەل يېنىدا دۇئا قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە سەمىمىيلىك، توغرۇلۇق بىلەن قىلىنغان دۇئانىڭ كېسەلنىڭ شىپا تېپىشىغا تەسىرى بولىدىغانلىقى.

907. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئەئرابىنى يوقلاپ ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەرسىنى يوقلاپ كىرسە: « لا بَأْس، طَهُورٌ إِن شَاء اللَّه » « كېرەك يوق، ئاللاھ تائالا خالىسا بۇ كېسەللىك گۇناھلاردىن پاكلىغۇچىدۇر » ، دەيتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كېسەل كىشىگە ئەجىر بىلەن خۇش بېشارەت بېرىپ دۇئا قىلىشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا خۇشال قىلىدىغان، كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزىدىغان سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

908. ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رەسۇلۇللاھنى يوقلاپ كېلىپ: « ئاغرىپ قالدىڭمۇ؟ ئى مۇھەممەد » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « نَعَمْ » « ھەئە » ، دېدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: « بِسْمِ اللَّهِ أَرْقِيكَ ، مِنْ كُلِّ شَيْءٍ يُؤْذِيكَ، مِنْ شَرِّ كُلِّ نَفْسٍ أَوْ عيْنِ حَاسِدٍ ، اللَّهُ يشْفِيك، بِسْمِ اللَّهِ أَرْقِيكَ » « ساڭا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ھەر نەرسىدىن، ھەر جان ئىگىسىنىڭ شەررىدىن ياكى ھەسەتخورنىڭ يامان كۆزىدىن ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن ساڭا دەم سالىمەن. ئاللاھ تائالا ساڭا شىپالىق بەرگەي، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن دەم سالىمەن » ، دېدى.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مالاللىق بىلدۈرمىگەن ھالدا، ئۆزىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئېيتىش.

2) ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىبارىلەر بىلەن رۇقىي ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېسەللىك، ئەزىيەتلەرنىڭ ۋە ھەسەتخورلارنىڭ زىيان-زەخمىتىنىڭ تەسىر قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئامان-ئېسەن قىلىشىغا ۋە شىپالىق بېرىشىگە موھتاج ئىكەنلىكى.

909. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنغا كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ قال: لا إِلهَ إِلاَّ اللَّهُ واللَّهُ أَكْبَرُ، صدَّقَهُ رَبَّهُ، فقال: لا إِله إِلاَّ أَنَا وأَنا أَكْبرُ. وَإِذَا قال: لا إِلهَ إِلاَّ اللَّهُ وحْدهُ لا شَرِيكَ لَهُ، قال: يقول: لا إِله إِلا أَنَا وحْدِي لا شَرِيك لي. وإذا قال: لا إِلهَ إِلاَّ اللَّهُ لَهُ المُلْكُ وَلَهُ الحَمْدُ، قال: لا إِلهَ إِلاَّ أَنَا ليَ المُلْك وَلىَ الحَمْدُ. وإِذا قال: لا إله إِلاَّ اللَّهُ وَلا حَوْلَ ولا قَوَّةِ إِلاَّ بِاللَّهِ، قال لا إِله إِلاَّ أَنَا وَلا حَوْلَ ولا قوَّةَ إِلاَّ بي » « كىمكى ‹بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر›، دېسە، پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ مۇنداق دەيدۇ: ‹مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مەن ئەڭ ئۇلۇغمەن›، بەندە: ‹يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر›، دېسە، ئاللاھ: ‹يالغۇز مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مېنىڭ ھېچ شىرىكىم يوقتۇر›، دەيدۇ، بەندە بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، پۈتۈن سەلتەنەت ئاللاھقا خاستۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر›، دېسە، ئاللاھ: ‹مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، پۈتۈن سەلتەنەت ۋە جىمى ھەمدۇسانا ماڭا خاستۇر›، دەيدۇ. بەندە: ‹بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا ھېچبىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ›، دېسە، ئاللاھ: ‹پەقەت مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ھەرقانداق ئىش پەقەت مېنىڭ مەدەت قىلىشىم بىلەنلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ›، دەيدۇ، يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مَنْ قالهَا في مَرَضِهِ ثُمَّ ماتَ لَمْ تَطْعَمْهُ النَّارُ » « كىمكى كېسەللىكىدە بۇ دۇئانى ئوقۇپ، ئاندىن ۋاپات بولسا، دوزاختىن نىجات تاپىدۇ »، د ېگەن. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەدىستىكى ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش، بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش، نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش، ھەر قانداق ئىشتا ئاللاھ تائالاغا يۆلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىشنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەر بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ پەزىلىتى.

2) بۇ دۇئانى كېسەل كىشىنىڭ يېنىدا، ناۋادا ئۇ ۋاپات بولۇپ كېتىپ قالسا، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن مۇسۇلمان ھالەتتە دۇنيادىكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بەلگىسى بولۇش ئۈچۈن كۆپ ئوقۇپ بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ