146. باب كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى سوراشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا
910. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى كېسەللىك مەزگىلىدە ئەلى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن چىقىۋىدى، كىشىلەر: « ئى ھەسەننىڭ دادىسى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟»، دەپ سورىۋىدى، ئەلى: « ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر، ياخشى بولۇپ قالدى » ، دېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەگەر كېسەل كىشىنى بىرەر ئۆزرە تۈپەيلى يوقلىيالمىسا، باشقىلاردىن ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى كېسەل كىشى بۇنى ئاڭلىسا خۇشال بولىدۇ.
2) كېسەل كىشىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سورالغان كىشىنىڭ سورىغان كىشىگە خۇشال قىلىدىغان ۋە خاتىرجەم قىلىدىغان سۆزلەر بىلەن جاۋاب بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.