رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

147. باب ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگەن كىشىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقى توغرىسىدا

911. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ماڭا يۆلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « اللَّهُمَّ اغفِرْ لي وَارْحمْني، وَأَلحِقني بالرَّفِيقِ الأَعْلَى » « ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى دەرگاھىڭغا ئېلىپ كەتكىن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۆلۈم ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت ۋە مەغفىرەت ئۈمىد قىلىپ، قەلبىنى دۇنياغا ئالاقىدار ئىشلاردىن ئۈزۈش ۋە ھەق تەرەپكە ئېسىلىش كېرەكلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق دۇئا قىلغانلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بولماستىن، بەلكى ياخشىلىقلىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ، مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە ئۈممەتلىرىگە تەلىم بېرىش يۈزىسىدىن بولغان، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۇناھلاردىن پاك زاتتۇر.

912. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىغا يېقىن، ئۇنىڭ يېنىدا قويۇلغان بىر قاچا سۇغا قولىنى چىلاپ، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ: « اللَّهُمَّ أَعِنِّي على غمرَاتِ الموْتِ وَسَكَراتِ المَوْتِ » « ئى ئاللاھ! ئۆلۈمنىڭ دەھشىتى ۋە سەكراتتا مەدەتكار بولغايسەن » ، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم.

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەرلەرمۇ خۇددى باشقا كىشىلەرگە ئوخشاشلا كېسەل بولۇپ ئاغرىق تارتىدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەگكەن كېسەل يۇقىرى قىزىتما بولۇپ، ئۇ سوغۇق سۇنى يۈزىگە سۈرتۈش ئارقىلىق قىزىتمىنى پەسەيتەتتى.

2) روھنىڭ تەندىن ئايرىلىشىنىڭ ناھايىتى قىينىلىش بىلەن بولىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ ئازابنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ