رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

148. باب كېـسەلـنىڭ ئائىـلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە كېسەلگە خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا كېسەلگە ياخشى قاراشنى تەۋسىيە قىلىش، كېسەل بېقىشتىكى ئېغىرچىلىقلارغا چىداشنىڭ ياخشىلىقى ۋە شۇنىڭدەك شەرئىي جازا بىلەن ياكى قىساس بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى يېقىن بولغان كىشىگىمۇ ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىش توغرىسىدا

913. ئىمران ئىبن ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جۇھەينە قەبىلىسىدىن بىر ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. ھالبۇكى، ئۇ زىنادىن ئېغىر ئاياغ بولۇپ قالغانىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھقا: « ئى رەسۇلۇللاھ! مەن جازاغا لايىق بولۇپ قالدىم، مېنى جازالىغىن » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئىگىسىنى چاقىرىپ: « أَحْسِنْ إِلَيْهَا، فَإِذا وضَعتْ فَأْتِني بِهَا » « ئۇنىڭغا ياخشى قارىغىن، ئۇ يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كەلگىن » ، دېدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە قىلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالنى كىيىمگە يۆگەپ چالما-كېسەك قىلىشقا بۇيرۇدى. ئۇ ئايال چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئېغىر ئاياغ ئايالغا تاكى ئۇ يەڭگىۋالغۇچىلىك ھەد ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقى، ھەدنىڭ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھىغا كەففارەت بولىدىغانلىقى ۋە ھەد ئىجراسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىگە مىيىت نامىزى ئوقۇلىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ