149. باب نارازى بولماي، چىدامسىزلىق قىلماي تۇرۇپ، مەن ئاغرىقمەن ياكى قىزىپ كېتىۋاتىمەن، ۋاي بېشىم دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدا
914. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىرسەم ئۇنىڭ ئىستمىسى بەك ئۆرلەپ كېتىپتۇ. مەن رەسۇلۇللاھنى تۇتۇپ تۇرۇپ: « قاتتىق قىزىپ كېتىپسەنغۇ » ، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: « أَجَلْ إِنِّي أُوَعَكُ كما يُوعكُ رَجُلانِ مِنْكُمْ » « ھەئە، مەن سىلەردەك ئىككى ئادەمنىڭ قىزىتمىسىدا قىزىۋاتىمەن » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ ئاغرىپ قالىدىغانلىقى، بۇنىڭدىكى ھېكمەت ― ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا ئالدىدىكى مەرتىۋىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈندۇر.
915. سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندا، رەسۇلۇللاھ مېنى يوقلاپ كەلدى. مەن رەسۇلۇللاھقا: « مېنىڭ كېسەل بولۇپ قايسى ھالغا چۈشۈپ قالغىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن، مەن مالدار ئادەممەن، بىر قىزىمدىن باشقا مىراسخورۇم يوق » ، دېدىم، دەپ ھەدىسنىڭ داۋامىنى بايان قىلدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كېسەل كىشى «كېسىلىم ئېغىرلىشىۋاتىدۇ ياكى بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ»، دېسە بولىدىغانلىقى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى يوقلاپ تۇرىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارغا كۆيۈنىدىغانلىقى.
3) كېسەل كىشىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلىشقا ۋەسىيەت قىلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنى جىق كۆرۈپ، ئازراق خەير-ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى.
916. قاسىم ئىبن مۇھەممەدتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: « ۋاي بېشىم! دېسەم بولىدۇ » ، دېدى، دەپ ھەدىسنىڭ ئاخىرىنى بايان قىلدى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ باش ئاغرىقىدىن دادلانغانلىقى.