150. باب جان ئۈزۈش ئالدىدىكى كىشىگە « لاَ إلَهَ إللهُ » نى تەلقىن قىلىش توغرىسىدا
917. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « منْ كَانَ آخِرَ كلاَمِهِ لا إِلهَ إِلاَّ اللَّه دَخَلَ الجنَّةَ » « ئاخىرقى سۆزى ‹ لاَ اِلَِهَ اِلاَّ اللهُ › بولغان ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كەلىمە شاھادەتنى ئېيتىشنىڭ پەزلى، جان ئۈزۈش ئالدىدا ئاخىرقى سۆزى كەلىمە شاھادەت بولغان كىشىنىڭ دەسلىپىدىلا جەننەتكە كىرىدىغانلىقى ياكى گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىپ بولغاندىن كېيىن جەننەتكە كىرىدىغانلىقى، مەڭگۈ دوزاختا قالمايدىغانلىقى.
918. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « لَقِّنُوا موْتَاكُمْ لا إِله إِلاَّ اللَّهُ » « جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئادىمىڭلارغا ‹ لاَ اِلَِهَ اِلاَّ اللهُ › ، د ېگەن سۆزنى تەلقىن قىلىپ بېرىڭلار » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سەكراتتىكى كىشىگە (ئۆلۈم ئالدىدا شاھادەت ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن) شاھادەت كەلىمىسىنى تەلقىن قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
كۆپ سانلىق ئالىملار ھەدىسنىڭ زاھىرىغا قاراپ: كىشى ئۆلگەندىن كېيىن ۋە دەپنە قىلىنىپ بولغان كېيىنمۇ ― ئىككى پەرىشتە سوئال قىلىدىغان ۋاقىتتا ― شاھادەت كەلىمىسىنى تەلقىن قىلسا ياخشى، دەپ قاراشتى.