151. باب ئۆلگەن كىشىنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئالار توغرىسىدا
919. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەبۇ سەلەمەنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ: « إِنَّ الرُّوح إِذا قُبِضَ، تبِعَه الْبصَرُ » « قەبزى روھ بولغان چاغدا، كۆز روھقا ئەگىشىدۇ » ، دېدى.
مىيىت ئەھلى ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كېتىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: « لا تَدْعُوا عَلى أَنْفُسِكُم إِلاَّ بِخَيْرٍ، فإِنَّ المَلائِكَةَ يُؤمِّنُون عَلى ما تَقُولونَ » « ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىقلارنىلا تىلەڭلار، چۈنكى سىلەر دېگەن سۆزگە پەرىشتىلەر ‹ئامىن›، دەيدۇ » . ئاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ: « اللَّهُمَّ اغْفِر لأبي سَلَمَة، وَارْفَعْ درَجَتهُ في المَهْدِيِّينَ، وَاخْلُفْهُ في عَقِبِهِ في الْغَابِرِين، واغْفِرْ لَنَا ولَه يَاربَّ الْعَالمِينَ، وَافْسحْ لَهُ في قَبْرِهِ، وَنَوِّرْ لَهُ فيه » « ئى ئاللاھ! ئەبۇ سەلەمەنى مەغفىرەت قىلغىن، دەرىجىسىنى ھىدايەت تاپقانلار ئارىسىدا يۇقىرى قىلغىن، ئۇنىڭدىن كېيىن قالغانلارغا پاناھ بولۇپ بەرگىن، ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! بىزنى ۋە ئۇنى مەغفىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ قەبرىسىنى كەڭ ۋە نۇرلۇق قىلغىن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كۆزى ئوچۇق قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىنلا مىيىتنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ قويۇش.
2) كۆزنىڭ روھقا ئەگىشىدىغانلىقى.
3) ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرەرسى ۋاپات بولغاندا ئاللا-توۋا قىلىپ ئۆزىگە بەددۇئا قىلماسلىق، چۈنكى پەرىشتىلەرنىڭ مىيىت ئىگىلىرىنىڭ دۇئالىرىغا ئامىن دېيىشىپ بېرىدىغانلىقى.
4) پەزىل ئىگىسى بولغانلار ئۆز قېرىنداشلىرىنى كېسەل بولغاندا يوقلاپ تۇرۇشى ۋە ئۇلار جان ئۈزىدىغان چاغدا ھەم ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇشى كېرەكلىكى.
5) بۇ ھەدىستە يەنە: قەبرىدە نېئمەتلەر بولىدىغانلىقى ۋە دۇئانىڭ مىيىتكە پايدىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت بار.