رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

152. باب مىيىتنىڭ يېنىدا ئوقۇلىدىغان ۋە مىيىت ئىگىسىنىڭ ئوقۇيدىغان دۇئالىرى توغرىسىدا

920. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا حَضرْتُمُ المرِيضَ، أَوِ المَيِّتَ، فَقُولُوا خيْراً، فَإِنَّ الملائِكَةَ يُؤمِّنونَ عَلى ما تقُولُونَ » « ئەگەر سىلەر كېسەلنىڭ يېنىدا ياكى مىيىتنىڭ يېنىدا بولساڭلار، ياخشى سۆز قىلىڭلار، چۈنكى پەرىشتىلەر سىلەر دېگەن سۆزگە: ‹ئامىن›، دېيىشىپ بېرىدۇ » . ئۇممۇ سەلەمە ئېيتتى: ئەبۇ سەلەمە (يەنى ئېرىم) ۋاپات بولغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ! ئەبۇ سەلەمە قازا قىلدى » ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ ماڭا: « قُولي: اللَّهُمَّ اغْفِرْ لي وَلَهُ، وَأَعْقِبْني مِنْهُ عُقبى حسنةً » « ئى ئاللاھ! مېنى ۋە ئۇنى مەغفىرەت قىلغىن، ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئورۇن باسار بەرگىن، دېگىن » ، دېدى. مەن شۇنداق دېدىم. ئاللاھ تائالا ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولغان رەسۇلۇللاھنى ئورۇنباسار قىلىپ بەردى.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كېسەل كىشىنىڭ يېنىدا كېسەل كىشىگە ۋە باشقىلارغا دۇئا قىلىپ قويۇشنىڭ ھەمدە ئۇنىڭغا شاھادەت كەلىمىسىنى تەلقىن قىلىشنىڭ ۋە سۈرە ياسىننى ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) كېسەل كىشى يېنىدا يامان سۆز قىلىشقا ۋە ۋاپات بولغاندا ئاللا-توۋا قىلىپ ئۆزىگە بەد دۇئا قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، چۈنكى پەرىشتىلەر مىيىت ئىگىلىرىنىڭ دۇئالىرىغا ئامىن دېيىشىپ بېرىدىغانلىقى.

3) «ئى ئاللاھ! بۇ مۇسىبىتىمدە ماڭا ساۋاب ئاتا قىلغىن ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ياخشىسى بىلەن تولدۇرۇپ بەرگىن»، دەپ دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

921. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « مَا مِنْ عبدٍ تُصِيبُهُ مُصِيبَةٌ، فيقولُ: إِنَّا للَّهِ وَإِنَّا إِليهِ رَاجِعُونَ: اللَّهمَّ أجرني في مُصِيبَتي، وَاخْلُف لي خَيْراً مِنْهَا، إِلاَّ أَجَرَهُ اللَّهُ تعَالى في مُصِيبتِهِ وَأَخْلَف له خَيْراً مِنْهَا » « بىرەر بەندە قانداقلا بىر مۇسىبەت كەلمىسۇن، ‹بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز، ئى ئاللاھ، مۇسىبىتىمدە ماڭا ساۋاب ئاتا قىلغىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلغىن›، دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مۇسىبىتىدە ساۋاب ئاتا قىلىپ، ئۇ يوقاتقان نەرسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلىدۇ » . ئۇممۇ سەلەمە مۇنداق دەيدۇ: « ئەبۇ سەلەمە قازا قىلغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە دېگەنىدىم، ئاللاھ ماڭا ئەبۇ سەلەمەدىن ياخشىراق بولغان رەسۇلۇللاھنى ئەبۇسەلەمەنىڭ ئورنىغا بەردى » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرىقى ھەدىستە ئېيتىلغاندەك ئاللاھ تائالانىڭ مۇسىبەتنىڭ ئورنىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىسى بىلەن تولدۇرۇپ بېرىدىغانلىقى.

922. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا ماتَ وَلدُ العبْدِ قال اللَّهُ تعالى لملائِكَتِهِ: قَبضْتُم وَلدَ عَبْدِي؟ فيقولُونَ: نعَم، فيقولُ: قَبَضتُم ثمَرَةَ فُؤَادِهِ؟ فيقولونَ: نَعم. فَيَقُولُ: فَمَاذَا قال عبْدِي؟ فيقُولُونَ: حمِدكَ واسْتَرْجعَ، فيقولُ اللَّهُ تعالى: ابْنُوا لعبدِي بَيتاً في الجَنَّة، وَسَمُّوهُ بيتَ الحمدِ » « ئەگەر بىرەر بەندىنىڭ بالىسى ئۆلسە، ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە: ‹بەندەمنىڭ بالىسىنى قەبزى روھ قىلدىڭلارمۇ؟›، دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ھەئە›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹بەندەمنىڭ يۈرەك پارىسىنى قەبزى روھ قىلدىڭلارمۇ؟›، دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ھەئە›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹بەندەم نېمە دېدى؟›، دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر: ساڭا ھەمدە ئېيتىپ: ھەممىمىز ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز ، دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹ئۇنداق بولسا، بەندەم ئۈچۈن جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىپ، ئۇنى ھەمدۇسانا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيى، دەپ ئاتاڭلار›، دەيدۇ » .

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسىبەت يەتكەندە سەبرى قىلىشقا، قازا-قەدەرگە رازى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە سەۋر قىلغانلار ھەمدە رازى بولغانلار ئۈچۈن جەننەتتە كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلىنغانلىقى.

923. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يقُولُ اللَّهُ تعالى: ما لعَبْدِي المؤْمِن عِنْدي جزَاءٌ إِذا قَبَضْتُ صَفيَّه مِنْ أَهْلِ الدُّنْيَا، ثُمَّ احْتَسَبهُ، إِلاَّ الجَنَّةَ » « ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى، مېنىڭ مۇئمىن بەندەمنىڭ دۇنيادىكى يېقىن ئادىمىنى قەبزى روھ قىلسام، ئۇ مېنىڭ ساۋاب بېرىشىمنى كۆزدە تۇتۇپ بۇنىڭغا سەۋر قىلسا، ئۇنى جەننەت بىلەنلا مۇكاپاتلايمەن » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسىبەت يەتكەندە ساۋابنى ئۈمىد قىلىپ سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىنغان، جەننەت ۋەدە قىلىنغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن.

924. ئۇسامە ئىبن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ قىزلىرىدىن بىرى بالىسىنىڭ جان بېرىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، رەسۇلۇللاھنى چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتىپتۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلچىگە: « ارْجِعْ إِلَيْهَا، فَأَخْبِرْهَا أَنَّ للَّهِ تعالى مَا أَخذَ ولَهُ ما أعطى، وَكُلُّ شَيْء عِنْدَهُ بِأَجْلٍ مُسَمَّى، فَمُرْهَا، فلْتَصْبِرْ ولْتَحْتسِبْ » « قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ ئەپكەتكىنىمۇ، بەرگىنىمۇ ئۆز مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھەممە نەرسىنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددىتى بولىدۇ. ئۇنىڭغا دېگىنكى، سەۋر قىلسۇن ۋە ئەجرىدىن ئۈمىدۋار بولسۇن » ، دېدى، دەپ ھەدىسنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇردى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسىبەت يەتكەندە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ