153. باب مىيىتكە ئۈنسىز ۋە قوشاق قوشماي يىغلاشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدا
925. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋف، سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس، ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇدلار بىلەن بىرلىكتە سەئد ئىبن ئۇبادەنى يوقلاپ كېلىپ يىغلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ يىغلىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارمۇ يىغلاپ سالدى. رەسۇلۇللاھ: « أَلا تَسْمعُونَ؟ إِنَّ اللَّه لا يُعَذِّبُ بِدمْعِ العَيْنِ، وَلا بِحُزْنِ القَلْبِ، وَلكِنْ يُعَذّبُ بِهذاَ أَوْ يَرْحَمُ » « قۇلاق سېلىڭلار، ئاللاھ كۆز يېشى قىلغانلىق، دىلدا قايغۇرغانلىق ئۈچۈن ئازابلىمايدۇ، لېكىن ماۋۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئازابلايدۇ ياكى رەھىم قىلىدۇ » ، دەپ تىلغا ئىشارەت قىلدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىتقا دىلىدا قايغۇرۇپ ياش تۆكسە گۇناھ بولمايدىغانلىقى، گۇناھنىڭ پەقەت: يۇقىرى ئاۋازدا ئاللا-توۋا سېلىپ ۋە قوشاق قېتىپ، شۇنداقلا قازا-قەدەرگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ يىغلاشتىن ئىبارەت شەرىئەت چەكلىگەن ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويۇشتا بولىدىغانلىقى.
قوشاق قېتىپ يىغلاش دېگەنلىك: مىيىتنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى ساناپ يۇقىرى ئاۋازدا ئاللا-توۋا كۆتۈرۈپ يىغلاش.
ئۈن سېلىپ يىغلاش دېگەنلىك: مىيىتنىڭ ياخشى ئىش-ئىزلىرىنى ساناپ يىغلاش. ئەگەر كىشى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆلۈشتىن بۇرۇنلا ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن يۇقىرى ئاۋازدا ئاللا-توۋا كۆتۈرۈپ يىغلاشقا ۋەسىيەت قىلغان ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە شۇنداق يىغلايدىغانلىقىنى بۇرۇن بىلىپ توسمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن يىغا-زارە قىلىشى بىلەن ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى.
926. ئۇسامە ئىبن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇل نەۋرىسى جان تالىشىۋاتقاندا رەسۇلۇللاھقا سۇنۇپ بېرىلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى كۆزىدىن ياش قۇيۇلدى. سەئد رەسۇلۇللاھقا: « بۇ نېمە ئىش ئى رەسۇلۇللاھ؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « هَذِهِ رحمةٌ جَعَلها اللَّهُ تَعالى في قلوبِ عبادِهِ، وَإِنما يَرْحَمُ اللَّهُ مِنْ عبَادِهِ الرُّحَمَاءَ » « بۇ بولسا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ دىلىغا سالغان رەھمەتتۇر، ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىنىڭ ئىچىدىكى رەھىمدىللىرىغا رەھىم قىلىدۇ » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىتقا ئاللا-توۋا كۆتۈرمەستىن ۋە يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىماستىن يىغلاشقا بولىدىغانلىقى، چۈنكى يىغلاشنىڭ دىلنىڭ ئۈزۈكلۈكى ۋە دىلدىكى مېھىر-شەپقەتنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى.
927. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئۆز ئوغلى ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىردى. ئىبراھىم بۇ چاغدا بولسا، جان ئۈزۈشكە ئاز قالغانىكەن. رەسۇلۇللاھنىڭ كۆزىدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋف رەسۇلۇللاھقا: « ئى رەسۇلۇللاھ! سەنمۇ يىغلامسەن؟ » ، دېدى. رەسۇلۇللا: « يا ابْنَ عوْفٍ إِنَّها رَحْمةٌ » « ئى ئابدۇراھمان، بۇ ئىچ ئاغرىتىپ يىغلىغان يىغىدۇر » ، دەپ بولۇپ، ئۇ سۆزىگە ئۇلاپ: « إِنَّ الْعَيْنَ تَدْمَعُ والقَلْب يَحْزَنُ، وَلا نَقُولُ إِلا ما يُرضي رَبَّنا وَإِنَّا لفِرَاقِكَ يا إِبْرَاهيمُ لمَحْزُونُونَ » « شۈبھىسىزكى، كۆز ياش تۆكمەكتە، دىل غەمكىن بولماقتا، ھالبۇكى، بىز رەببىمىز رازى بولىدىغان سۆزنى قىلىمىز: ئى ئىبراھىم! بىز سەندىن ئايرىلغىنىمىزغا غەمناكتۇرمىز » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرىقى ھەدىسلەردە بايان قىلىنغىنىغا ئوخشاشلا ئاللاھ تائالانىڭ قازا-قەدەرىگە رازى بولۇشنىڭ لازىملىقى.
بۇ بابتا كەلگەن ھەدىسلەر سەھىھۇلبۇخارىدا كۆپتۇر ۋە مەشھۇردۇر.