154. باب مىيىتنى يۇيۇۋاتقاندا بايقالغان يامان
ئەھۋالنى سۆزلىمەسلىك توغرىسىدا
928. ئەبۇ رافىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ غَسَّل ميِّتاً فَكَتَمَ عَلَيْه، غَفَرَ اللَّهُ له أَرْبعِينَ مرَّةً » « كىمكى بىرەر مىيىتنى يۇيۇپ، مىيىتنىڭ بەدىنىدىكى ئەيىبىنى باشقىلارغا دەپ يۈرمىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىرىق قېتىملىق گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدۇ » . ― ھاكىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مىيىتنىڭ يۈزى قارىيىپ قالغانغا ۋەياكى جەسىتى ئۆزگىرىپ كەتكىنىگە ئوخشاش ئىشلار بولسا، مىيىتنى يېپىپ قويۇشنىڭ لازىملىقى.
2) يۈزىنىڭ نۇرلۇقلىقىغا ئوخشاش مىيىت كىشىنىڭ گۈزەللىكلىرىنى سۆزلەشكە بولىدىغانلىقى.