155. باب مىيىتكە جىنازا نامىزى ئوقۇش، جىنازىغا ئەگىشىش ۋە دەپنە قىلىشقا قاتنىشىشنىڭ ياخشىلىقى، ئاياللارنىڭ جىنازىغا ئەگىشىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
929. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ شَهِدَ الجنَازَةَ حَتَّى يُصَلَّي عَلَيها فَلَهُ قِيرَاطٌ، وَمَنْ شَهدَهَا حَتَّى تُدْفَنَ فَلَهُ قِيراطَانِ » « كىمكى ھازا ئۈستىدە ھازىر بولۇپ، ئاندىن جىنازا نامىزىغا داخىل بولسا، ئۇنىڭغا بىر قىيرات ساۋاب بولىدۇ. كىمكى جىنازا نامىزىغا داخىل بولۇپ، دەپنە قىلىشقىمۇ قاتناشقان بولسا، ئۇ ئادەمگە ئىككى قىيرات ساۋاب بولىدۇ » . «ئىككى قىيرات دېگەن قانچىلىك كېلىدۇ؟»، دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ: « مِثْلُ الجَبلَيْنِ العَظِيمَيْنِ » « ئىككى چوڭ تاغدەك كېلىدۇ » ، دەپ جاۋاب بەرگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جىنازىغا ئەگىشىشكە ۋە مىيىتنى دەپنە قىلىشقا قاتنىشىشقا تەرغىب قىلىش، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىدىن بولۇپ پەرز كۇپايە ھېسابلىنىدىغانلىقى.
930. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « من اتَّبعَ جَنَازَةَ مُسْلمٍ إيمَاناً واحْتِسَاباً، وَكَانَ مَعَهُ حَتَّى يُصَلَّي عَلَيها ويَفْرُغَ من دَفنِها، فَإِنَّهُ يَرْجعُ مِنَ الأَجرِ بقِيراطَين كُلُّ قيرَاط مِثلُ أُحُدٍ، ومَنْ صَلَّى عَلَيهَا، ثم رَجَعَ قبل أَن تُدْفَنَ، فَإِنَّهُ يرجعُ بقِيرَاط » « كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ جىنازىسىغا ئاللا تائالانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ساۋابىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا ئەگىشىپ، ناماز ئوقۇلۇپ، دەپنە قىلىنغانغا قەدەر بىللە بولسا، ھەر بىرى ئۇھۇد تېغىچىلىك بولغان ئىككى قىيرات ساۋاب بىلەن قايتىدۇ. كىمكى جىنازا نامىزىغا قاتنىشىپ، مىيىت دەپنە قىلىنىشتىن بۇرۇن قايتىپ كەتسە، بىر قىيرات ساۋاب بىلەن قايتىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جىنازىغا ئۆيىدىن باشلاپ تاكى دەپنە قىلىنىپ بولغانغا قەدەر ئەگىشىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كاتتا ساۋابقا ئېرىشىش بىلەن بىرگە مىيىت ئىگىلىرىنىڭ كۆڭلىنى يوپۇتقىلى بولىدۇ.
931. ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ئاياللار جىنازىغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىندۇق. لېكىن، بۇ مەنئى قىلىنىش ھارام دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاياللارنىڭ جىنازىغا ئەگىشىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى.
2) ئاياللارنىڭ جىنازىغا ئەگىشىشى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشىغا سەۋەب بولمىغان ئەھۋالدا مەكرۇھ ھېسابلىنىدىغانلىقى. ئەگەر ھارام ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولسا ھارام ھېسابلىنىدۇ.