رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

156. باب جىنازا نامىزىنى ئوقۇغۇچى ئادەملەرنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ ۋە سەپـنىڭ ئۈچ ياكى ئۈچتىنمۇ كۆپ بولۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

932. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ما مِنْ ميِّتٍ يُصلِّي عليهِ أُمَّةٌ مِنَ المُسْلِمِينَ يبلُغُونَ مئَة كُلُّهُم يشْفَعُونَ له إِلا شُفِّعُوا فيه » « مۇسۇلمانلار جامائەسىدىن يۈز ئادەم بىرەر مىيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرسە، ھەممىسى ئۇ مىيىت ئۈچۈن شاپائەت تىلىسە، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جىنازا نامىزىدا ئوقۇلغان دۇئا مىيىت ئۈچۈن پايدىلىق بولغاچقا جىنازىغا ھازىر بولغان جامائەتنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

933. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « مَا مِنْ رَجُلٍ مُسْلمٍ يَمُوتُ، فَيقومُ عَلَى جَنَازتِهِ أَرْبَعونَ رَجُلا لا يُشركُونَ باللَّه شَيئاً إِلاَّ شَفَّعَهُمْ اللَّهُ فيهِ » « بىرەر مۇسۇلمان ئادەم ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان 40 كىشى قاتناشسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شۇ مىيىت ھەققىدىكى شاپائىتىنى قوبۇل قىلماي قالمايدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى مەقبۇل بولۇپ، ئاللاھ تائالا شاپائەت قىلىنغان كىشىلەرنى قەبرە ئازابى ياكى ئاخىرەت ئازابىدىن خالاس قىلىشى ۋەياكى ئىككىلا ئازابىنى يەڭگىللىتىشى مۇمكىن.

934. مەرسەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مالىك ئىبن ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرەر جىنازا نامىزىنى ئوقۇش توغرا كەلگەندە، جامائەتنى ئاز كۆرۈپ قالسا، ئۇلارنى ئۈچ سەپكە بۆلۈپ تۇرغۇزاتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن، دەيتتى: « مَنْ صَلَّى عليهِ ثَلاثَةُ صُفُوف، فَقَدْ أَوْجَبَ » « قانداق بىر كىشىگە ئۈچ سەپ مۇسۇلمان ناماز چۈشۈرسە، ئۇنىڭغا جەننەت تېگىشلىك بولىدۇ » .

― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىت نامىزى ئوقۇغۇچىلارنى قېرىندىشىغا شاپائەت تىلەش ۋە ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىشتە ئاز بولسىمۇ كۆپ كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۈچ ياكى ئۈچتىن ئارتۇق سەپكە بۆلۈشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ