رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

157. باب جىنازا نامىزىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا توغرىسىدا

935. ئەبۇ ئابدۇراھمان ئەۋف ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بىر جىنازا نامىزىدا ئوقۇغان دۇئاسىدىن بۇلارنى يادلىۋالغانىدىم. رەسۇلۇللاھ: « اللَّهُمَّ اغْفِرْ لَهُ، وارْحمْهُ، وعافِهِ، واعْفُ عنْهُ، وَأَكرِمْ نزُلَهُ، وَوسِّعْ مُدْخَلَهُ واغْسِلْهُ بِالماءِ والثَّلْجِ والْبرَدِ، ونَقِّه منَ الخَـطَايَا، كما نَقَّيْتَ الثَّوب الأبْيَضَ منَ الدَّنَس، وَأَبْدِلْهُ دارا خيراً مِنْ دَارِه، وَأَهْلاً خَيّراً منْ أهْلِهِ، وزَوْجاً خَيْراً منْ زَوْجِهِ، وأدْخِلْه الجنَّةَ، وَأَعِذْه منْ عَذَابِ القَبْرِ، وَمِنْ عَذَابِ النَّار » « ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغفىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھمى قىلغىن، ئۇنى ئامان-ئېسەن قىلغىن، ئۇنى ئەپۇ قىلغىن، ئاخىرەتتىكى جايىنى جەننەتتە قىلغىن، قەبرىسىنى كەڭ قىلغىن، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى سۇ، قار، مۆلدۈرلەر بىلەن يۇغىن، ئۇنى خاتالىقلىرىدىن ئاق كىيىمنى كىردىن پاكلىغاندەك پاكلىغىن، ئۇنىڭغا ئۆز ئۆيىدىن ياخشى ئۆي، ئۆز ئەھلىدىن ياخشى ئەھلى، ئۆز ئايالىدىن ياخشى ئايال ئاتا قىلغىن، ئۇنى جەننەتكە داخىل قىلغىن، ئۇنى قەبرە ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن » ، دەپ دۇئا قىلىۋىدى، مەن: « كاشكى، ئاشۇ مىيىت مەن بولۇپ قالسامچۇ؟»، دەپ ئارزۇ قىلىپ كەتتىم.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىت نامىزى ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تېخىمۇ چوڭ ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن ياخشىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشىلىقى. دۇئانىڭ مىيىتكە پايدىسى بولىدىغانلىقى ۋە قەبرىدىكى نېئمەت ۋە ئازابنىڭ ھەقلىقى.

936. ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبۇ قەتادە ۋە ئەبۇ ئىبراھىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىر جىنازا نامىزىنى ئوقۇپ تۆۋەندىكى دۇئالارنى ئوقۇدى: « اللَّهم اغفر لِحَيِّنَا وَميِّتِنا، وَصَغيرنا وَكَبيرِنَا، وذَكَرِنَا وَأُنْثَانَا، وشَاهِدِنا وَغائِبنَا. اللَّهُمَّ منْ أَحْيَيْتَه منَّا فأَحْيِه على الإسْلامِ، وَمَنْ توَفَّيْتَه منَّا فَتَوَفَّهُ عَلى الإيمانِ، اللَّهُمَّ لا تَحْرِمْنا أَجْرَهُ، وَلا تَفْتِنَّا بَعْدَهُ » « ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئۆلۈك ۋە تىرىكلىرىمىزنى ۋە چوڭ-كىچىكلىرىمىزنى، ئەر-ئاياللىرىمىزنى، بىزنىڭ ھازىر بولغانلىرىمىزنى ۋە ھازىر بولمىغانلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن مەيلى كىمنى تىرىك قالدۇرساڭ، ئۇنى ئىسلام ئاستىدا تىرىك قالدۇرغىن، كىمنى ۋاپات قىلدۇرساڭ، ئىسلام ئاستىدا ۋاپات قىلدۇرغىن، ئى ئاللاھ! بىزنى بۇ مۇسىبەتنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قىلمىغىن، ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنى پىتنىلەرگە گىرىپتار قىلمىغىن » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

937. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إذ صَلَّيْتُم عَلى المَيِّت، فأَخْلِصُوا لهُ الدُّعاءَ » « ئەگەر بىرەر مىيىتكە جىنازا نامىزى ئوقۇساڭلار، ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىتقا دۇئا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، دۇئاسىز مىيىت نامىزى ئوقۇشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى.

938. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىر جىنازىغا ناماز چۈشۈرگەندە، بۇ دۇئانى ئوقۇغان: « اللَّهُمَّ أَنْت ربُّهَا، وَأَنْتَ خَلَقْتَها، وأَنْتَ هَديْتَهَا للإسلامِ، وَأَنْتَ قَبَضْتَ رُوحَهَا، وَأَنْتَ أَعْلمُ بِسِرِّها وَعَلانيتِها، جئْنَاكَ شُفعاءَ لَهُ فاغفِرْ لهُ » « ئى ئاللاھ! سەن بۇ مىيىتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇرسەن، سەن ئۇنى ياراتتىڭ، سەن ئۇنى ئىسلام دىنىغا مۇشەررەپ قىلدىڭ، ئۇنىڭ جېنىنى قەبزى روھ قىلدىڭ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالىتىنى ياخشى بىلىسەن، سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا ئۇنىڭغا شاپائەت تىلەپ كەلدۇق، ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلغىن » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

939. ۋاسىلە ئىبن ئەسقە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىز بىلەن بىللە بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈردى. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دۇئا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم: « اللَّهُمَّ إنَّ فُلانَ ابْنَ فُلان في ذِمَّتِكَ وحَلَّ بجوارك، فَقِهِ فِتْنَةَ القَبْر، وَعَذَابَ النَّارِ، وَأَنْتَ أَهْلُ الوَفاءِ والحَمْدِ، اللَّهُمَّ فاغفِرْ لهُ وَارْحَمْهُ، إنكَ أَنْتَ الغَفُور الرَّحيمُ » « ئى ئاللاھ! پالانچىنىڭ ئوغلى پالانچى سېنىڭ ئامانلىقىڭدا ۋە سېنىڭ پاناھىڭدىدۇر، ئۇنى قەبرە ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، سەن ۋاپالىقسەن، ھەمدۇسانا ئېيتىلغۇچى زاتتۇرسەن، ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغفىرەت قىلغىن ۋە رەھمەت قىلغىن، چۈنكى سەن ئەڭ مەغفىرەت قىلغۇچى ۋە مېھرىبان زاتتۇرسەن » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

940. ئابدۇللاھ ئىبن ئەبۇ ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ قىزىنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇغاندا تۆت تەكبىر ئېيتىپ، تۆتىنچى تەكبىردىن كېيىن، ئىككى تەكبىر ئوتتۇرىسىدا تۇرغاندەك تۇرۇپ، قىزى ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەپ دۇئا قىلدى. ئاندىن: « رەسۇلۇللاھ شۇنداق قىلاتتى » ، دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ئابدۇللاھ تۆت تەكبىر ئېيتىپ بولۇپ، شۇنچىلىك ئۇزۇن تۇردىكى، ئۇنى بەشىنچى تەكبىرنى ئېيتسا دەپ ئويلاپ قالدىم. ئاندىن ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە سالام بەردى. ئۇ نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن: « بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟»، دەپ سورىساق، ئۇ: « مەن رەسۇلۇللاھتىن كۆرگىنىمنى قىلدىمكى، ئاشۇرۇۋەتكىنىم يوق، رەسۇلۇللاھ شۇنداق قىلاتتى » ، دېدى.

― ھاكىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىتقا دۇئانى ئۇزۇن قىلىش ۋە تۆتىنچى تەكبىردىن كېيىنلا سالام بېرىشكە ئالدىراپ كەتمەستىن، ئەكسىچە تۆتىنچى تەكبىردىن كېيىن مىيىتقا ئۇزۇن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ