رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

158. باب جىنازىنى ئېلىپ مېڭىشقا ئالدىراش توغرىسىدا

941. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَسْرِعُوا بِالجَنَازَةِ، فَإنْ تَكُ صَالِحَةً، فَخَيْرٌ تُقَدِّمُونها إلَيْهِ، وَإنْ تَك سِوَى ذلِكَ، فَشَرٌّ تَضَعُونَهُ عَنْ رِقَابِكُمْ » « جىنازىنى كۆتۈرگەندە تېز مېڭىڭلار، ئەگەر مىيىت ياخشى بەندە بولسا، ئۇنى ياخشى ئەمىلىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشكە تېز ئېلىپ ماڭغان بولىسىلەر، ئەگەر ئۇ يامان بەندە بولسا، مۈرەڭلاردىن يامان ئادەمنى تېزرەك چۈشۈرۈۋەتكەن بولىسىلەر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: « فَخَيْرٌ تُقَدِّمُونَهَا عَلَيْه » « جىنازىنى بۇرۇنراق يەتكۈزگىنىڭلار ياخشىدۇر »، د ېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جىنازىنى كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرگە مۇشەققەت يەتكۈزمىگەن ھالەتتە تېز ئېلىپ مېڭىش، مىيىتنى تاسقىماسلىق، مىيىتنىڭ ئاخىرقى بارىدىغان جايىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تەقدىرىنى بايان قىلىش ۋە بۇ ئىشلارنىڭ غەيب ئىشلارنىڭ جۈملىسىگە كىرىدىغانلىقى.

942. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا وُضِعَتِ الجِنَازَةُ، فَاحْتَملَهَا الرِّجَالُ عَلى أَعنَاقِهِمْ، فَإنْ كَانتْ صَالحةً، قالتْ: قَدِّمُوني، وَإنْ كَانَتْ غَيْرَ صَالِحَةٍ، قَالَتْ لأهْلِهَا: يَاوَيْلَهَا أَيْنَ تَذْهَبُونَ بِهَا، يَسْمَعُ صَوْتَهَا كُلُّ شَيْءٍ إلاَّ الإنسانَ، وَلَوْ سَمِعَ الإنْسَانُ، لَصَعِقَ » « مىيىتنى جىنازىغا سېلىپ ئەر كىشىلەر مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغان چاغدا، مىيىت ئەگەر سائادەتمەن بەندە بولسا: ‹مېنى تېزرەك ئېلىپ بېرىڭلار›، دەيدۇ. ئەگەر ئۇ شەقىي بەندە بولسا: ‹ھالىمغا ۋاي، مېنى نەگە ئېلىپ بارىسىلەر؟›، دەپ توۋلايدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنسانلاردىن باشقا جىمى مەۋجۇدات ئاڭلايدۇ. ئەگەر ئۇنى ئىنسانلار ئاڭلايدىغان بولسا، جېنىدىن جۇدا بولاتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىت كىشىدە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئالاھىدە بىر خىل تۇيغۇنىڭ بولىدىغانلىقى ھەمدە بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن بەك بىلگۈچى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ