160. باب قەبرىستاندا ۋەز ئېيتىش توغرىسىدا
945. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز بەقى غەرقەد قەبرىستانلىقىدا بىر جىنازا ئۈستىدە بولغانىدۇق. رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئولتۇردى. بىزمۇ ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئولتۇردۇق. رەسۇلۇللاھنىڭ قولىدا بىر تاياق تۇراتتى. رەسۇلۇللاھ تاياقنىڭ ئۇچىنى ئالماشتۇرۇپ تۇتتى-دە، ئۇنىڭ بىلەن يەرنى نوقۇپ تۇرۇپ: « ما مِنكُمْ مِنْ أَحَدٍ إلاَّ وَقَدْ كُتِبَ مقْعَدُهُ مِنَ النَّارِ ومَقْعَدُهُ مِنَ الجنَّة » « مەيلى سىلەردىن ھەرقانداق ئادەمنىڭ جەننەتتە ۋە دوزاختا بارار ئورنى بۇرۇن پۈتۈلگەن بولىدۇ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: « ئى رەسۇلۇللاھ! (ياخشى ئەمەللەرنى قىلماي) پۈتۈلگەن تەقدىرىمىزنى كۈتۈپ تۇرساق بولمامدۇ؟ » ، دېگەن كىشىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « اعْمَلُوا، فَكُلٌّ مُيَسَّرٌ لِمَا خُلِقَ لَهُ » « ئەمەل قىلىڭلار، ھەرقانداق ئادەمنڭ قەيەرگە بېرىشى پۈتۈلگەن بولسا ئۇنىڭغا شۇ ئەمەل مۇيەسسەر قىلىپ بېرىلىدۇ، يەنى سائادەتمەن بەندىگە سائادەتمەن بەندىلەرنىڭ ئەمەلى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىلىدۇ. شەقىي بەندىلەرگە شەقىيلەرنىڭ ئەمەلىي مۇيەسسەر قىلىپ بېرىلىدۇ » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تۇپراق بېشىدا ۋەز ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. چۈنكى، مىيىتنى كۆرۈش دىللارنى ئېرىتكەچكە ۋەز كىشىلەرگە بەكرەك تەسىر قىلىدۇ. يەنە بۇ ھەدىستە: ئاللاھ تائالانىڭ كىشىلەرنىڭ سائادەت ۋە شاقاۋەتتىن ئىبارەت ئاخىرقى يېتىپ بارىدىغان جايىنى بىلىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇنى بىلىشى بەندىنى ئەمەللەرنى قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىق بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى بۇنىڭ «پالانى ئادەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يامان ئەمەللەرنى قىلىدۇ-دە، ئاخىر ئۇ شەقىيلەردىن بولىدۇ»، دېگەندەك ئالدىنئالا بىلىش ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمى غەيبىگە تەئەللۇق بولۇپ، بۇنى كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغانلىقى. ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىغا دۆڭگەپ قويۇپلا ئەمەللەرنى قىلماسلىقنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى، بەلكى ئىنساننىڭ ياخشىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن سەئيى قىلىش لازىملىقى، شۇندىلا ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىقنى ئۇ كىشىگە تەقدىر قىلىپ، ئۇ كىشىنى شۇ ياخشىلىققا ئۈندەيدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلغان ئەمەلىدىن ھېساب ئالىدىغانلىقى.