رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

161. باب مىـيىــتنى دەپـنە قىلــغانــدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئـۈچـۈن دۇئا قىلىش، ئىستىغفار ئېيتىش، قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن قەبرە يېنىدا بىر ئاز ۋاقىت ئولتۇرۇش توغرىسىدا

946. ئەبۇ ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مىيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندا، رەسۇلۇللاھ قەبرە بېشىدا بىر ئاز توختايتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: « استغفِرُوا لأخِيكُم وسَلُوا لَهُ التَّثبيتَ فإنَّهُ الآن يُسأَلُ » « قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن، مەغفىرەت تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭ (سوئال-سوراق) ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشىنى تىلەڭلار، چۈنكى ئۇ ھازىر سوئال-سوراق قىلىنىۋاتىدۇ » ، دەيتتى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مىيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، تۇپراق بېشىدا تۇرۇش ۋە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مىيىتقا ئىككى پەرىشتە ئەۋەتىلىپ، سوئال-سوراق قىلغاندا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئىمانىدا مۇستەھكەم قىلىشىنى تىلەش، مۇئمىن كىشىگە ئۇ دەيدىغان سۆزنى ئاللاھ تائالا ئىلھام قىلىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم: «رەببىم ئاللاھ، دىنىم ئىسلام»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. كۇففارلار ۋە مۇناپىقلار ھەدىستە دېيىلگەندەك، كېكەچلەپ: «بىلمەيمەن»، دەيدۇ.

2) يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئىككى پەرىشتىنىڭ مىيىتتىن قەبرىدە سوئال سورايدىغانلىقىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى.

947. ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: « مېنى دەپنە قىلغان چېغىڭلاردا قەبرەم ئۈستىدە بىر تۆگە سويۇلۇپ، گۆشى تەقسىم قىلىنىپ بولغۇدەك ۋاقىت تۇرۇڭلار، مەن يالغۇزسىراپ قالمىغايمەن، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىشىمنى بىلىۋالغايمەن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: « ئۆلگۈچىنىڭ قەبرە بېشىدا ئاز-تولا قۇرئان ئوقۇلغىنى ياخشى، ئەگەردە قۇرئان باشتىن-ئاخىر ئوقۇلۇپ دەپنە قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ » .

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىتنىڭ قېرىنداش ۋە ئەھلى-ئەۋلادلىرىنىڭ دۇئاسى بىلەن قەبرىسىدە خاتىرجەملىك ھېس قىلىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ