162. باب مىيىت ئۈچۈن سەدىقە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ جَاؤُوا مِن بَعْدِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ﴾ ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: « پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغفىرەت قىلغىن » ، دەيدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەشىر 10- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
948. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم رەسۇلۇللاھقا: « ئانام تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى، مېنىڭچە ئەگەر ئۇ سۆزلىيەلىگەن بولسا، بىرەر سەدىقە بەرگەن بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە قىلسام، ئۇنىڭغا ساۋابى بولامدۇ؟»، دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: « نَعَمْ » « ھەئە » ، دەپ جاۋاب بەردى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: مىيىت نامىدىن سەدىقە قىلىشنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ساۋابىنىڭ مىيىتقا يېتىدىغانلىقى. بۇنداق قىلىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى﴾ ئىنسان ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ («قۇرئان كەرىم» سۈرە نەجم 39- ئايەت) دېگەن سۆزىگە زىت ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇ ئايەت كۇففارلار توغرىسىدا كەلگەن. ئىنسانلار سۆزى ئومۇمىي بولۇپ، بۇنىڭدىن خاسلىق مەقسەت قىلىنغان. يەنە بىر تەپسىردە ئىنساننىڭ سەئيى قىلغانغا ئېرىشكىنى ئادالەت يۈزىسىدىن ئىكەنلىكى، لېكىن پەزلى يۈزىسىدىن ئېيتقاندا ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمىتىنىڭ كاتتىلىقى، يامانلىقلارنى ئەپۇ قىلىپ، ياخشىلىقلارنى ھەسسىلەپ بېرىدىغانلىقى، مۇئمىنگە باشقا مۇئمىن قېرىنداشلىرىنىڭ دۇئاسى ۋە ئەھلى-ئەۋلادلىرىنىڭ قىلغان سەدىقىلىرىنىڭ ساۋابىنىڭ يېتىپ تۇرىدىغانلىقى. بۇ خۇددى ئاتا-ئانا بالىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ، بالىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاتا-ئانىغا ساۋاب بېرىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئادەم بالىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ (يەنى ساۋابمۇ يېزىلمايدۇ، گۇناھمۇ يېزىلمايدۇ)، پەقەت مۇشۇ ئۈچ ئىشنىڭ ساۋابى يېزىلىپ تۇرىدۇ: داۋاملىشىپ تۇرىدىغان سەدىقە، ئەلگە پايدىلىق ئىلىم ۋە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنتلەردىن ئىبارەت»، دېگەن ھەدىسىمۇ بۇ قاراشنى تەكىتلەيدۇ.
949. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا مَاتَ الإنسَانُ انقطَعَ عمَلُهُ إلاَّ مِنْ ثَلاثٍ: صَدقَةٍ جاريَةٍ، أوْ عِلم يُنْتَفَعُ بِهِ، أَوْ وَلَدٍ صَالحٍ يَدعُو له » « ئەگەر ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىماي نامۇ ئەمالىغا يېزىلىپ تۇرىدۇ: بىرىنچى، ساۋابى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسجىد، مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش). ئىككىنچى، ئەلگە پايدىلىق ئىلىم (يەنى، باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا-ئانىسى ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ئۈچ ئىشنىڭ ساۋابىنىڭ مىيىتقا يېتىپ تۇرىدىغانلىقى. چۈنكى، ئۇ كىشى بۇ ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ بۇ ئىشلارنى ھازىرمۇ قىلىپ تۇرغاندەك ھېسابلىنىدىغانلىقى. ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ساۋابى داۋاملىق يېتىپ تۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا تەرغىب قىلىش. ئىلىمنىڭ ۋە ئىلىم تارقىتىش ۋە ئۆگىتىشىنىڭ پەزىلىتى.