163. باب مىيىتنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىش توغرىسىدا
950. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، كىشىلەرنىڭ ئالدىدىن بىر جىنازا ئۆتكەنىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « وَجَبَتْ » « تېگىشلىك بولدى » ، دېدى. ئاندىن كېيىن يەنە بىر جىنازا ئۆتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « وَجبَتْ » « تېگىشلىك بولدى » ، دېدى. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھ ئەنھۇ: « نېمە تېگىشلىك بولدى؟»، دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « هذا أَثنَيتُمْ علَيْهِ خَيراً، فَوَجبتْ لَهُ الجنَّةُ، وهذا أَثنَيتُم عليه شرّاً، فَوَجبتْ لَهُ النًَّارُ، أنتُم شُهَداءُ اللَّهِ في الأرضِ » « بىرىنچى جىنازىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلغانىدىڭلار، ئۇنىڭغا جەننەت تېگىشلىك بولدى. ئىككىنچى جىنازىنىڭ يامان گېپىنى قىلغانىدىڭلار، ئۇنىڭغا دوزاخ تېگىشلىك بولدى. سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرى » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىخلاسمەن مۇئمىنلەرنىڭ مۇئمىن قېرىندىشىنى ماختىشى ئۇنىڭ زاھىرىنىڭ ۋە باتىنىنىڭ ياخشىلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكتۇر. ئەگەر ئۇ كىشى ئۇلار ماختىغاندەك بولسا جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ. شۇنىڭدەك زاھىرى ۋە باتىنىنىڭ بۇزۇقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۇ كىشىنىڭ (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچىنىڭ) دوزاخ ئەھلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، مۇئمىنلەر راستچىل بولۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشمەيدۇ. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ گۇۋاھچىلىرى بولۇپ پەقەت ھەقنى سۆزلەيدۇ. ئاللاھ تائالا توغرا سۆزنى ئۇلارنىڭ دىلىغا سالىدۇ. پاسىق كىشىلەرنىڭ «ياخشى، يامان»، دېگەندەك گۇۋاھلىقلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «سىلەر ئۆلگەن ئادەمنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىڭلار، يامان گېپىنى قىلماڭلار»، دېگەن ھەدىسى مۇئمىنلەرگە قارىتىلغان. ئەگەر بىر ئادەم كۇففارلاردىن بولسا ياكى گۇناھ-مەئسىيەتلىرىنى ئاشكارا قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە سۆزلىسە بولىدىغانلىقى.
951. ئەبۇ ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن مەدىنىگە كېلىپ، ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانىدىم. بىر جىنازا قېشىمىزدىن ئۆتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلغانىدى. ئۇ: « تېگىشلىك بولدى » ، دېدى. ئاندىن يەنە بىر جىنازا ئۆتۈپ كىشىلەر ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلغانىدى، ھەزرىتى ئۇمەر: « تېگىشلىك بولدى » ، دېدى. ئاندىن ئۈچىنچى جىنازا ئۆتۈپ كىشىلەر ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلغانىدى، ھەزرىتى ئۇمەر: « تېگىشلىك بولدى » ، دېدى. مەن: « نېمە تېگىشلىك بولدى؟ ئى مۇئمىنلەرنىڭ خەلىفىسى » ، دەپ سورىدىم. ھەزرىتى ئۇمەر: « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەن سۆزنى دېدىم. ئۇ مۇنداق دېگەن: « أَيُّمَا مُسلِم شَهِدَ لهُ أَربعةٌ بِخَير، أَدخَلَهُ اللَّه الجنَّةَ » ‹قايسى بىر مۇسۇلماننى تۆت نەپەر مۇسۇلمان كىشى ياخشى دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنى جەننەتكە داخىل قىلىدۇ›، دېدى. بىز: ‹ئۈچ ئادەم بولسىچۇ؟›، دەپ سورىساق، رەسۇلۇللاھ: « وثَلاثَةٌ » ‹ئۈچ ئادەم بولسىمۇ بولىدۇ›، دېدى. بىز: ‹ئىككى ئادەم بولسىچۇ؟›، دەپ سورىۋىدۇق، رەسۇلۇللاھ: « وَإِثْنَانِ » ‹ئىككى ئادەم بولسىمۇ بولىدۇ›، دەپ جاۋاب بەردى. بىز: ‹بىر ئادەم بولسىچۇ؟›، دەپ سورىمىدۇق » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئالىملار مۇنداق بايان قىلىدۇ: يېنىدىن جىنازا ئۆتكەن ئادەمنىڭ جىنازىدىكى قېرىندىشىغا ― ئەگەر ئۇ شۇنىڭغا لايىق بولسا ― دۇئا قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى سۆزلەر بىلەن ماختىشى ياخشى ئىش، لېكىن ماختاش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى، ماختاپ كۆككە ئۇچۇرۇۋېتىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى.