164. باب كىچىك بالىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئېرىشىدىغان پەزىلىتى توغرىسىدا
952. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَا مِنْ مُسلِمٍ يَمُوتُ له ثلاثَةٌ لم يَبلُغُوا الحِنْثَ إلا أدخلَهُ اللَّه الجنَّةَ بِفَضْل رحْمَتِهِ إيَّاهُمْ » « بىرەر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ بالاغەتكە يەتمىگەن ئۈچ سەغىرە بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇ ئادەمنىمۇ جەننەتكە كىرگۈزىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نارىسىدە بالىلىرى ۋاپات بولغاندا سەۋر قىلىپ ساۋابنى كۆزدە تۇتقان كىشىنىڭ پەزىلىتى. ئۇ كىشىنىڭ بالىلىرىغا بولغان مېھىر-شەپقىتى چوڭقۇر بولغانلىقتىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىپ، بالىلىرىغا قىلغان رەھمىتىنىڭ پەزلى بىلەن ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغانلىقى.
953. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَمُوتُ لأِحَدٍ مِنَ المُسْلِمِينَ ثَلاثةٌ مِنَ الوَلَدِ لا تمَسُّهُ النَّارُ إِلاَّ تَحِلَّةَ القَسَم » « قايسى بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دوزاختا كۆيمەيدۇ (جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش يۈزىسىدىن دوزاخقا بىر نۆۋەت يېقىنلىشىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا). پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە مەريەم 71- ئايەتتە: ﴿وَإِن مِّنكُمْ إِلَّا وَارِدُهَا﴾ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ ، دېگەن قەسىمىنىڭ مۇقەررەرلىكى نۇقتىسىدىنلا دوزاختىن ئۆتىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن مۇئمىن ئاللاھنىڭ قازا-قەدەرىگە رازى بولۇپ، سەۋر قىلىپ، ساۋابىنى كۆزلىسە ئۇ دوزاخقا كىرمەيدۇ. ئۇنىڭغا سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە دوزاخنىڭ يالقۇنى زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئۇ سائادەت ئەھلىدىن بولسا سىرات كۆۋرۈكىدىن كۆزنى يۇمۇپ-ئاچىقۇچىلىك ۋاقىتتا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
954. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بىر ئايال كېلىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ، سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئەرلەرلا ئاڭلاۋاتىدۇ. بىزگىمۇ ئىختىيارىڭ بويىچە بىر كۈننى بەلگىلەپ بەرسەڭ، شۇ كۈندە يىغىلساق، بىزگە ئاللاھ تائالا ساڭا بىلدۈرگەن دىنىي ئەھكاملارنى ئۆگەتسەڭ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: « اجْتَمِعْنَ يَوْمَ كَذَا وَكَذَا » « پالانى كۈندە پالانى جايغا يىغىلىڭلار » ، دېدى. ئۇلار يىغىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا دىنىي ئەھكاملارنى تەلىم بەردى. ئاندىن ئۇلارغا: « ما مِنْكُنَّ مِن امْرَأَةٍ تُقَدِّمُ ثَلاثةً منَ الوَلَدِ إِلاَّ كانُوا لهَا حِجَاباً منَ النَّار » « سىلەردىن بىرەر ئايالنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۈچ بالىسى ئۆلگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭغا دوزاختىن پەردە بولىدۇ » ، دېدى. توپلانغان ئاياللاردىن بىرى: « ئى رەسۇلۇللاھ! ئالدىن ئۆلگەن بالىسى ئىككى بولسىچۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « وَاثْنَيْن » « ئىككى بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاياللارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشتە ھەققى بولۇپ، شەرىئەت ئۇلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان. ئاياللارغا دۇنيا ۋە دىن ئىشلىرىنى ياخشىلاش ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىق، ياراملىق ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى، ئاياللارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش تەلىپىگە ئاۋاز قوشقانلىقى ۋە ئاياللارغا ئۇلارغا ئائىت ئىشلار توغرۇلۇق تەلىم بېرىشكە ھېرىسمەنلىكى.
3) ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالغا ئاللاھ تائالانىڭ جەننەت بىلەن ساۋاب بېرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىش.
4) ئاياللارنىڭ پىتنىلەردىن يىراق ھالدا، ئەرلەر بىلەن خالىي جايدا بولماسلىق شەرتى ئاستىدا مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنىڭ شەرىئەتتە يوللۇق ئىكەنلىكى.