165. باب زالىملارنىڭ قەبرىلىرىدىن ۋە ئۇلار ھالاك قىلىنغان جايلاردىن ئۆتكەندە يىغلىماق ۋە قورقماق، ئاللاھ تائالاغا ھاجىتىنى ئىزھار قىلماق ۋە غەپلەتتە قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش توغرىسىدا
955. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەمۇد دىيارىدىن ئۆتكەندە ساھابىلىرىگە: « لا تَدْخُلُوا عَلى هَؤُلاءِ المُعَذَّبِينَ إِلاَّ أَنْ تَكُونُوا بَاكِينَ، فَإِنْ لمْ تَكُونُوا باكِين، فَلا تَدْخُلُوا عَلَيْهِمْ، لا يُصِيبُكُمْ مَا أَصَابَهُمْ » « ئاۋۇ ئازابقا دۇچار بولغان كىشىلەرنىڭ دىيارىغا يىغلاپ داخىل بولۇڭلار، يىغلىيالمىساڭلار ئۇ جايغا داخىل بولماڭلار، ئۇلارغا كەلگەن ئازاب سىلەرگىمۇ كېلىپ قالمىسۇن » ، دېگەنىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: رەسۇلۇللاھ سەمۇد دىيارىدىن ئۆتكەندە: « لا تَدْخُلُوا مَسَاكِنَ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ أَنْ يُصِيبكُمْ مَا أَصَابَهُمْ إِلاَّ أَنْ تَكُونُوا بَاكِينَ » « ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان كىشىلەرنىڭ ماكانلىرىغا كىرمەڭلار، ئۇلارغا كەلگەن بالا سىلەرگىمۇ كېلىپ قالمىسۇن، ئەگەر كىرمەكچى بولساڭلار يىغلاپ ئۆتسەڭلار بولىدۇ » ، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بېشىنى ئوراپ، ئۇلىغىنى تېز ھەيدەپ جىلغىدىن ئۆتۈپ كەتتى.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى بىلەن ھالاك بولغان كۇففار قەۋمنىڭ يۇرتىدىن ئۆتكەندە، تېز ئۆتۈپ كېتىش كېرەكلىكى.
2) ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئويلاش ۋە ئۇلارغا چۈشكەن ئازابنى ئويلاش، ئۆز ھالىنىڭ ئۇلارنىڭ ھالىغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، يىغلاشقا تۈرتكە بولغان ئىشلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش كېرەككى، ئەگەر شۇ خارابە يۇرتتىن ئۆتكەندە كىشىنى يىغا تۇتىدىغان ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇ ئىشلاردىن چوڭقۇر ئىبرەت ئالمىساق قەلبنىڭ قاساۋەتلىشىپ كېتىشىدە بىزمۇ شۇ قەۋمگە ئوخشاپ قالغان بولىمىز. شۇڭا، بىز ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك زالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇشتىن، بىللە ياشاشتىن نەھيى قىلىنغان.