رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

166. باب پەيشەنبە كۈنى سەپەرگە چىقىشنىڭ ۋە سەپەرگە ئەتىگەن چىقىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

956. كەئب ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ تەبۇك غازىتىغا پەيشەنبە كۈنى چىققان، رەسۇلۇللاھ سەپەرگە پەيشەنبە كۈنى چىقىشنى ياخشى كۆرەتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ كۆپىنچە پەيشەنبە كۈنى سەپەرگە چىقاتتى، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيشەنبە كۈنلۈكتە سەپەر قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

957. سەخر ئىبن ۋەدائە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « اللَّهُمَّ بَارِكْ لأُمَّتي في بُكُورِها » « ئى ئاللاھ! مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئەتىگەنكى ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت بەرگىن » ، دەيتتى. رەسۇلۇللاھ بىرەر يەرگە ئاز ياكى كۆپ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتسە، ئۇلارنى ئەتىگەنلىكى يولغا سالاتتى. سەخر سودىگەر بولۇپ، باشقا جايلارغا سودا ماللىرىنى ئەتىگەندە ئەۋەتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بېيىپ مالدار بولۇپ كەتكەنىدى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سەپەرگە چىققاندا پەيشەنبە كۈنى بولسۇن ياكى باشقا كۈنلەردە بولسۇن ئەتىگەن تەرەپتە چىقىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) سەھەر تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەت، سودا ۋە باشقا پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىشتە ئەتىگەننى قولدىن بەرمەسلىك.

3) سەھەردە كىشى تېتىك بولىدۇ. ئىش ئاۋۇيدۇ، پايدا كۆپىيىدۇ، بەرىكەتلىك بولىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ