167. باب سەپەردە ھەمراھ ئىزدەش ۋە ھەممىسى گېپىنى ئاڭلايدىغان بىرىنى ئۆزىگە باشلىق سايلاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا
958. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « لَوْ أَنَّ النَّاسَ يَعْلَمُونَ مِنَ الوحْدةِ ما أَعَلمُ ما سَارَ رَاكِبٌ بِلَيْلٍ وحْدَهُ » « كىشىلەر يالغۇز يول يۈرۈشنىڭ زىيىنىنى مەن بىلگەندەك بىلسە ئىدى، ھېچ يولۇچى كېچىسى يالغۇز يول يۈرمەس ئىدى » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەمراھسىز، يالغۇز سەپەرگە چىقىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ۋە بۇنىڭدىكى ھېكمەت: ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ، بولۇپمۇ سەپەرگە چىقىپ باققان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىكەنلىكى.
2) يالغۇز سەپەرگە چىقىشتا، جامائەت نامىزىدىن مەھرۇم قېلىش، تەنھالىق، خەتەرگە دۇچ كېلىش ۋە دوست-يارەنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ئوخشاش كۆپلىگەن دىنىي ۋە دۇنياۋى زىيان-زەخمەتلەرنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقى.
959. ئەمر ئىبن شۇئەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الرَّاكِبُ شَيطَانٌ ، والرَّاكِبان شَيطَانانِ، والثَّلاثَةُ رَكبٌ » « يالغۇز يولۇچى بىر شەيتان، ئىككى يولۇچى ئىككى شەيتان، ئۈچ يولۇچى كارۋان ھېسابلىنىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي ۋە نەسەئىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سەپەردىكى ھەمراھلارنىڭ ئۈچتىن ئاز بولماسلىقىنىڭ ياخشىلىقى، چۈنكى سەپەردە جامائە بولۇپ مېڭىشنىڭ مەنپەئىتى ئۈچ ئادەم بولغاندا كۆرۈلىدۇ. چۈنكى، ئىككى ئادەمنىڭ بىرەرسى بىرەر سەۋەب بىلەن سەپەردىن چۈشۈپ قالسا، يەنىلا يالغۇز بىر ئادەم قالىدىغانلىقى.
960. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « إِذا خَرَج ثَلاثَةٌ في سفَرٍ فليُؤَمِّرُوا أَحدهم » « قاچانكى ئۈچ ئادەم بىرگە سەپەرگە چىقسا، بىرسىنى ئۆزئارا باشلىق سايلىۋالسۇن » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كوللېكتىپ سەپەر قىلغۇچىلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن بىرەيلەننى باشلىق سايلاپ، شۇ كىشىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. ئەڭ ياخشىسى باشلىق ئۇششاق مەسىلىلەرنى پىششىق بىلىدىغان، قەتئىي ئىرادىلىك، سەپەر ئەھۋالاتلىرىدىن خەۋەردار ئادەم بولۇشى، ئەلماۋرۇدى «ئەلھاۋى»، دېگەن كىتابتا ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىستىكى بۇيرۇق (يەنى، بىرسىڭلارنى باشلىق سايلىۋېلىڭلار، دېگەن گەپ)، زۆرۈرلۈكنى ئىپادىلەيدىغان بۇيرۇق خاراكتېرىنى ئالغان».
961. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « خَيرُ الصَّحَابةِ أَرْبَعَةٌ، وَخَيْرُ السَّرايا أَرْبَعُمِائَةٍ، وخَيرُ الجُيُوش أَرْبعةُ آلافٍ، ولَن يُغْلَبَ اثْنَا عشر أَلْفاً منْ قِلَّة » « ھەمراھنىڭ تۆت بولغىنى ياخشىدۇر، قوشۇننىڭ 400 بولغىنى، كۆپ بولغاندا 4000 بولغىنى ياخشىدۇر. 12000 ئەسكەر ھەرگىزمۇ ئازلىقتىن يېڭىلمەيدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سەپەردە تۆت ھەمراھ بولسا ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىكى ھېكمەت: بەزىدە ئۇلار بىرەر ئىشقا ئېھتىياجلىق بولسا بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشەلەيدىغانلىقى، شۇ ئارقىلىق خەيرىيەت ئاساسىدا ھەمكارلىشالايدىغانلىقى.
2) مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ سانى 12000 بولۇپ غازاتتا مەغلۇپ بولسا، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىدىن ئەمەس، باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىكەنلىكى.