رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

168. باب سەپەردە يول يۈرۈش ۋە قونالغۇغا چۈشۈش ئەدەبلىرى توغرىسىدا

962. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « إذا سافَرْتُم في الخِصْبِ فَأعْطُوا الإِبِلَ حظَّهَا مِنَ الأَرْضِ، وإِذا سافَرْتُمْ في الجَدْبِ، فَأَسْرِعُوا عَلَيْهَا السَّيْرَ وَبادروا بِهَا نِقْيَهَا، وَإذا عرَّسْتُم، فَاجتَنِبُوا الطَّريقَ، فَإِنَّهَا طرُقُ الدَّوابِّ، وَمأْوى الهَوامِّ باللَّيْلِ » « قاچانكى سىلەر ئوت-چۆپ مول چاغدا سەپەر قىلساڭلار، ئۇلاغنى ئوتلىتىپ مېڭىڭلار، ئەگەر قورغاقچىلىقتا سەپەر قىلساڭلار، مېڭىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۇلاغنىڭ ئىلىكىنى ئاسراپ قېلىشقا ئالدىراڭلار (يەنى، ئوت-چۆپ بار يەرگە يېتىۋېلىڭلار). ئەگەر كېچىسى قونالغۇ قىلىپ بىر يەرگە چۈشسەڭلار، يولدىن يىراقراق يەرگە چۈشۈڭلار، چۈنكى يول ئۈستى ھايۋاناتنىڭ يولى. زىيانداش ھايۋانلارنىڭ كېچىسى جايلىشىدىغان ماكانىدۇر » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئوت-چۆپنى كۆرگەن ياكى يېنىدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا ھايۋانلارغا يايلاقتىكى نېسىۋىسىنى بېرىش ئارقىلىق كۆيىنىش. ھايۋانلار ئوبدان ئوتلىيالمايدىغان جايدا ئۇزۇن تۇرماسلىق.

2) سەپەر جەريانىدا قورقۇنچلۇق ئورۇنلاردىن ۋە ئىشەنچسىز قونالغۇلاردىن ساقلىنىش كېرەكلىكى.

963. ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، قاچانكى رەسۇلۇللاھ سەپەرگە چىقىپ، كېچىسى بىر جايدا قونسا، ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى. ئەگەر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن مەنزىلگاھقا چۈشسە، ئوڭ بىلىكىنى تىكلەپ، بېشىنى ئالىقىنىغا قويۇپ ياتاتتى. ئۆلىمالارنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ بىلىكىنى تىكلەپ، ئالىقىنىغا بېشىنى قويۇپ يېتىشى ئۇخلاپ قېلىپ بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى ياكى ئاۋۋالقى ۋاقتىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن ئىدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئوڭ يېنى ― ئۇلۇغ بولغاچقا ― نى بېسىپ ئۇخلاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ناماز ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن ناماز ئوقۇماي ئۇخلاشتىن ئېھتىيات قىلىش.

2) ناماز ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئۇخلاشقا بولىدىغانلىقى. ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئويغىنالىشىغا ئىشەنچىسى بولمىسا، ناماز ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇخلاشقا بولمايدىغانلىقى، ئەمما ئۇيقۇ غالىب كەلسە گۇناھ بولمايدىغانلىقى.

964. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « عَلَيْكُمْ بِالْدُّلْجَةِ، فَإِنَّ الأَرْضَ تُطْوَى بِاللَّيلِ » « كېچىسى سەپەر قىلىڭلار، چۈنكى كېچىسى زېمىن قاتلىنىپ، يول قىسقىرايدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سەپەردە كېچىدە، بولۇپمۇ كېچە ئاخىرىدا مېڭىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. بۇ ۋاقىتنىڭ كىشىنىڭ جۇشقۇنلۇقىغا ۋە يولنىڭ ئاۋۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى.

965. ئەبۇ سەئلەبە خۇشەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەپەر ئۈستىدە كىشىلەر مەنزىلگاھقا چۈشسە، ئۇلار ئويمانلارغا ۋە باغ يوللىرىغا تارقىلىپ كېتەتتى. رەسۇلۇللاھ: « إن تَفَرُّقَكُمْ في هَذِهِ الشِّعابِ وَالأوْدِية إِنَّما ذلكُمْ منَ الشَّيْطَان » « سىلەرنىڭ بۇ تاغ يوللىرى ۋە ئويمانلارغا تارقىلىپ كېتىشىڭلار شەيتان تەرىپىدىن بولغان ئىشتۇر » ، دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلەر بىرەر مەنزىلگاھقا چۈشسە، بىر يەردە جەم بولۇپ ياتاتتى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۆيدە ياكى سەپەردە يالغۇز قېلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى. ئۆزئارا ياردەم ۋە ئۈنسى-ئۈلپەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن سەپەردە باشقىلار بىلەن ھەمراھ بولۇپ سەپەرگە چىقىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى سەپەر يالغۇزلۇق ۋە مۇساپىرلىقنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكى.

966. سەھل ئىبن ئەمر (يەنە بىر رىۋايەتتە سەھل ئىبن رەبى ئىبن ئەمر دېيىلگەن، ئۇ دەسلەپتە رىزۋان بەيئىتىگە قاتناشقان ساھابىلەردىن ئىدى.) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئاچلىقتىن قورسىقى چاپلىشىپ كەتكەن بىر تۆگىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ: « اتَّقُوا اللَّه في هذه البهَائمِ المُعْجمةِ فَارْكبُوها صَالِحَةً، وكُلُوها صالحَة » « تىلسىز بۇ ھايۋان ھەققىدە ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار، ئۇنى سەمرىتىپ مىنىڭلار ۋە سەمرىتىپ يەڭلار » ، دېدى. ― ئەبۇ داۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھايۋانات ۋە ئۇلاغلارغا كۆيۈنۈش لازىملىقى، ئۇلارغا ئېغىر يۈك ئارتماسلىق، چۈنكى ئۇلار ئازابلىنىدۇيۇ، سۆزلىيەلمەيدۇ.

2) بەدخەجلىك قىلماي، مال-مۈلۈكىنى تىجەشلىك بىلەن تۇتۇشنىڭ لازىملىقى.

967. ئەبۇ جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ مېنى ئۇلىغىنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈۋېلىپ، ماڭا مەخپىي سۆز قىلدى. مەن ئۇنى ھېچكىمگە سۆزلىمەيمەن. رەسۇلۇللاھ تەرەت سۇندۇرغاندا بىرەر دۆڭ ياكى خورمىلىق باغلارنىڭ تاملىرى بىلەن دالدىلىنىشىنى ئەڭ ياقتۇراتتى. رەسۇلۇللاھ ئەنسارىيلاردىن بىرىنىڭ خورمىزارلىقىغا كىرىپ قارىسا، بىر تۆگە تۇرغانىكەن. تۆگە رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپ بوزلاپتۇ. ئۇنىڭ ئىككى كۆزىدىن ياش قۇيۇلۇپتۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، لوكىسى ۋە قۇلىقىنىڭ كەينىنى سىلىغانىكەن، تۆگە جىم بولۇپتۇ. رەسۇلۇللاھ: « مَنْ رَبُّ هذا الجَمَلِ، لِمَنْ هَذا الجَمَلُ؟ » « بۇ تۆگىنىڭ ئىگىسى كىم؟ بۇ تۆگە كىمنىڭ؟»، دەپتۇ. ئەنسارىيلاردىن بىر يىگىت كېلىپ: « بۇ مېنىڭ تۆگەم، ئى رەسۇلۇللاھ » ، دەپتۇ. رەسۇلۇللاھ: « أَفَلا تَتَّقِي اللَّه في هذِهِ البَهيمَةِ التي مَلَّكَكَ اللَّهُ إياهَا؟ فإنَّهُ يَشْكُو إِليَّ أَنَّكَ تُجِيعُهُ وَتُدْئِبُهُ » « ئاللاھ تائالا ساڭا بەرگەن بۇ تۆگە ھەققىدە ئاللاھ تائالادىن قورقمامسەن؟ ئۇ تۆگە سېنىڭ ئۆزىنى ئاچ قويىدىغانلىقىڭ ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقىڭ توغرىسىدا ماڭا شىكايەت قىلىۋاتىدۇ » ، دېدى. ― مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كىشىنىڭ ئەگەر ئۇلىغى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولسا، كەينىگە ئادەم مىنگەشتۈرسە بولىدىغانلىقى.

2) چاھارپايلار ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىدىن بولۇپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈش ۋە قورسىقىنى بېقىش ئارقىلىق ئاللاھقا ― نېئمىتىگە ― شۈكۈر قىلىش.

3) چاھارپايلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا داتلانغانلىقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ ھالىنى چۈشەنگەنلىكى.

4) كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ياخشىلىق قىلىشقا يېتەكلەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

968. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەپەردە بىز ھەر قاچان بىر مەنزىلگاھقا چۈشسەك، ئالدى بىلەن يۈك-تاقلىرىمىزنى چۈشۈرمىگۈچە نەفلى ناماز ئوقۇمايتتۇق. بىز نەفلى نامازغا شۇنچە ھېرىسمەن تۇرۇپمۇ تۆگىلەرگە ئاراملىق بەرمىگۈچە نامازغا تۇرمايتتۇق. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۇلاغلارنى دەم ئالدۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، دەم ئالدۇرغاندا ئۈستىدىكى يۈك-تاقلارنى چۈشۈرۈۋەتمەي قويۇشقا بولمايدىغانلىقى.

2) سەپەردە نەفلى ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ