رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

169. باب بۇرادەرلىرىگە ياردەم بېرىش توغرىسىدا

مۇشۇ مەزمۇندا نۇرغۇن ھەدىسلەر بولۇپ، ئۇلار يۇقىرىدا ئۆتتى. مەسىلەن: « وَاللهُ فِي عَوْنِ الْعَبْدِ مَا كَانَ الْعَبْدُ فِي عَوْنِ اَخِيْهِ » « كُلُّ مَعْرُوفٍ صَدَقَةٌ » « بەندە قېرىندىشىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ بەندىگە ياردەم بېرىدۇ » . « ھەر ياخشىلىق بىر سەدىقىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ » ، دېگەن ھەدىسلەرگە ئوخشاش.

969. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز سەپەر قىلىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا تۆگىسىگە مىنگەن بىر كىشىنى ئۇچراتتۇق. ئۇ كىشى ئۇ يېنىغا-بۇ يېنىغا قارىغىلى تۇرىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مَنْ كَانَ مَعَهُ فَضْلُ ظَهرٍ، فَلْيعُدْ بِهِ على منْ لا ظَهر له، ومَنْ كانَ له فَضلُ زَادٍ، فَلْيَعُدْ بِهِ عَلى مَنْ لا زَادَ له » « كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا، ئۇنى ئۇلىغى يوق ئادەمگە بەرسۇن، كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلۇقى بولسا، ئۇنى ئوزۇقلۇقى يوق ئادەمگە بەرسۇن » ، دەپ شۇنداق جىق مالنىڭ تۈرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتىكى، ھەتتا بىز: « ھېچقايسىمىزنىڭ ئارتۇق نەرسىمىزدە ھەققىمىز يوق ئوخشايدۇ » ، دەپ قالدۇق. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇسۇلمانلارنى ئۆز-ئارا ياردەم قىلىشقا، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقلاردا ھەمدەمدە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىق ئۇلار قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن مەزگىلدە تېخىمۇ كۈچلۈك تەكىتلىنىدۇ ۋە ئومۇمەن مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چامىسى يېتىدىغانلارغا پەرز كۇپايىگە ئايلىنىدۇ.

3) ھەمكارلىشىشتا يېمەك-ئىچمەكتىلا چەكلەنمەسلىك، بەلكى ھەمكارلىقنىڭ ھايات زۆرۈرىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى.

970. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ غازاتقا چىقماقچى بولۇپ مۇنداق دېدى: « يا معْشَرَ المُهَاجِرِينَ والأنصارِ، إِنَّ مِنْ إخوَنِكُم قَوْماً، ليْس لهمْ مَالٌ، وَلا عشِيرَةٌ، فَلْيَضُمَّ أَحَدكم إِليْهِ الرَجُلَيْنِ أَوِالثَّلاثَةَ » « ئى مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىيلار جامائەسى، سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار ئىچىدە شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلارنىڭ نە مال، نە يېقىن ئۇرۇق جەمەتى يوق. ھەر بىرىڭلار ئۇلاردىن ئۆزىگە ئىككى ياكى ئۈچنى قوشۇۋالسۇن » ، دېدى. بىزنىڭ ھېچقايسىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا مىنىدىغان ئۇلىغىمىز يوق بولۇپ، پەقەت ئۇلاغقا نۆۋەتلىشىپ مىنەتتۇق. مەنمۇ ئۆزۈمگە ئىككى ياكى ئۈچ ئادەم قوشۇۋالغانىدىم. تۆگەمنى ئۇلار بىلەن نۆۋەتلىشىپ مىنەتتۇق.

― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) غازات ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئىشلاردا ئۆزئارا ياردەمدە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشقا ئالدىرايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىجانىدىل ئورۇنلايدىغانلىقى.

971. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەپەردە كەينىدە قېلىپ، ئاجىزلارنى ئالدىدا ماڭغۇزاتتى ۋە ئۇلاغقا مىندۈرۈۋالاتتى ھەم ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلاتتى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەر ئىكەنلىكى، ساھابىلىرىگە كۆڭۈل بولىدىغانلىقى.

2) باشلىقنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى يوقلاپ تۇرۇشى، ئۇلار ئارىسىدىكى ئاجىزلارغا ئىلھام بېرىپ مۇھتاجلارنى يۆلىشى ۋە ھەر بىر مۇسۇلمانغا شۇنداق قىلىشى لازىملىقى.

3) ئاجىز ياكى ئىرادىسى بوش كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىغا يېتىشى ئۈچۈن ئۇلارغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ