رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

170. باب ئۇلاغ مىنگەندە ئوقۇيدىغان دۇئالار توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿جَعَلَ لَكُم مِّنَ الْفُلْكِ وَالْأَنْعَامِ مَا تَرْكَبُونَ﴾ ﴿لِتَسْتَوُوا عَلَى ظُهُورِهِ ثُمَّ تَذْكُرُوا نِعْمَةَ رَبِّكُمْ إِذَا اسْتَوَيْتُمْ عَلَيْهِ وَتَقُولُوا سُبْحانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِينَ﴾ ﴿وَإِنَّا إِلَى رَبِّنَا لَمُنقَلِبُونَ﴾ سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مېنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرەۋردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: « بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مېنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز »، د ېگەيسىلەر («قۇرئان كەرىم» سۈرە زۇخرۇف 12~14- ئايەت)

972. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەپەرگە چىقىپ تۆگىسىگە مىنگەندە، ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتاتتى. ئاندىن مۇنداق دەيتتى: « سبْحانَ الذي سخَّرَ لَنَا هذا وما كنَّا له مُقرنينَ، وَإِنَّا إِلى ربِّنَا لَمُنقَلِبُونَ. اللَّهُمَّ إِنَّا نَسْأَلُكَ في سَفَرِنَا هذا البرَّ والتَّقوى، ومِنَ العَمَلِ ما تَرْضى. اللَّهُمَّ هَوِّنْ علَيْنا سفَرَنَا هذا وَاطْوِ عنَّا بُعْدَهُ، اللَّهُمَّ أَنتَ الصَّاحِبُ في السَّفَرِ، وَالخَلِيفَةُ في الأهْلِ. اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ وعْثَاءِ السَّفَرِ، وكآبةِ المنظَرِ، وَسُوءِ المنْقلَبِ في المالِ والأهلِ وَالوَلدِ » « بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا مىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز. ئى ئاللاھ! سەندىن مۇشۇ سەپىرىمىزدە ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق سورايمىز ۋە سەن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى سورايمىز. ئى ئاللاھ! بىزنىڭ بۇ سەپىرىمىزنى ئاسان قىلغايسەن ۋە ئۇنىڭ يىراقلىقىنى يېقىن قىلغايسەن. ئى ئاللاھ! بۇ سەپىرىمىزنىڭ ئىگىسى ۋە ئەھلىمىزنىڭ يۆلەنچۈكى سەندۇرسەن. ئى ئاللاھ، سەن بىلەن سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن ۋە سەپەردىن قايتقاندا مال، ئەھلى-ئايال، بالىلىرىمىزنىڭ يامان كۆرۈنۈشىدىن، يامان ھالىتىدىن پاناھ تىلەيمەن » . رەسۇلۇللاھ سەپەردىن قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا يۇقىرىقى دۇئالارنى ئوقۇپ بولۇپ، ئارقىدىن يەنە: « آيِبونَ تَائِبونَ عَابِدُون لِرَبِّنَا حَامِدُونَ » « بىز قايتقۇچىلارمىز، تەۋبە قىلغۇچىلارمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز، پەرۋەردىگارىمىزغا ھەمد ئېيتقۇچىلارمىز » ، دېگەن سۆزنى قوشۇپ قوياتتى.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سەپەرگە چىققاندا ياكى سەپەردىن قايتقاندا يۇقىرىقى دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. چۈنكى، سەپەردە كىشىنىڭ ئىبادەت ۋە باشقا ئەمەللىرىنى كەمتۈك قىلىپ قويۇش ۋە ئاللاھ تائالادىن پاناھلىق تىلەيدىغان ئىشلارنىڭ كۆپ بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى. ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ئاسانلىق، ياخشىلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئۈمىد قىلىش، شۇنداقلا مۇۋەپپەق قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش.

973. ئابدۇللاھ ئىبن سەرجىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلسا، سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن، يامان ئاقىۋىتىدىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بەد دۇئاسىدىن، توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىدىن، ئەھلى ۋە مېلىنىڭ يامان كۆرۈنۈشىدىن پاناھ تىلەيتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مەزكۇر ئىشلاردىن پاناھ تىلەش، چۈنكى سەپەردە ئۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى كۆپ.

2) سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ ھەققىنى ئۆزىگە قايتۇرۇش. چۈنكى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى زۇلۇم قىلغۇچى كىشىگە سەپەردىكى ۋاقتىدا دۇئا قىلسا، ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. سەپەردىكى ۋاقىتتا زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتى ئەڭ ئېغىر بولۇپ قايتىپ قالىدۇ.

3) باشقىلارنى سەپەردە ياردەمسىز قويۇش ياكى ھەققىنى كەم بېرىشكە ئوخشاش زۇلۇملارنى قىلماسلىق.

974. ئەلى ئىبن رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئەلى ئىبن ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مىنىشى ئۈچۈن بىر ئۇلاغ كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇ پۇتىنى ئۆزۈڭگىگە قويغاندا: « بِسْمِ اللهِ » « ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن » ، دېدى. ئاندىن ئۇلاغنىڭ ئۈستىگە جايلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن: « الحْمدُ للَّهِ الذي سَخَّرَ لَنَا هذا، وما كُنَّا لَهُ مُقْرنينَ وَإِنَّا إِلى رَبِّنَا لَمُنْقَلِبُوْنَ » « بىزلەرگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق. بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزغا قايتقۇچىلارمىز » ، دېدى. ئاندىن ئۈچ قېتىم « اَلْحَمْدُ ِللهِ » « ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر » ، دېدى. ئاندىن ئۈچ قېتىم « سُبْحَانَ اللهِ » « ئاللاھ پاكتۇر » ، دېدى. ئاندىن « اَللهُ اَكْبَرُ » « ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر » ، دېدى. ئاندىن: « مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھىمنى مەغفىرەت قىلغىن، گۇناھنى پەقەت سەنلا مەغفىرەت قىلىسەن » ، دەپ بولۇپ كۈلدى. « ئى مۇئمىنلەرنىڭ خەلىفىسى، نېمە ئۈچۈن كۈلىسەن؟»، دەپ سورالغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەن قىلغاندەك ئىشنى قىلىپ كۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ: ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، نېمە ئۈچۈن كۈلىسەن؟›، دېسەم، ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: ‹ إِنَّ رَبَّك سُبْحانَهُ يَعْجب مِنْ عَبْده إذا قال: اغْفِرِ لي ذنُوبي، يَعْلَمُ أَنَّهُ لا يغْفِرُ الذَّنُوبَ غَيْرِي › ‹پەرۋەردىگارىڭ پاكتۇر، قاچانكى، بىر بەندىسى گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن، دېسە، ئاللاھ ئۇنىڭدىن خۇش بولىدۇ. ئاللاھ ئېيتىدۇكى: بەندەم مەندىن باشقا ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغۇچى زات يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ›» .

― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سەپەرگە چىقىش ھەققىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمىسىغا ئاساسەن ئۇلاغقا مىنگەن چاغدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ مول نېئمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغاندا كۆپ ھەمدۇسانا ئوقۇش، ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ئاللاھ تائالانى پاك دەپ تەسبىھ ئېيتىش.

3) كۆپ ئىستىغفار ئېيتىش، بولۇپمۇ ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنىڭ شۈكرانىسىنى قىلالمىغاندا.

4) ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ نىجاتلىقىغا ھېرىسمەنلىكى، ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نەقەدەر ئەگىشىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ