رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

171. باب سەپەرگە چىققۇچىنىڭ دۆڭ قاتارلىقلارغا چىقسا تەكبىر ئېيتىشى، ئويمانلىقلارغا چۈشسە تەسبىھ ئېيتىشى ۋە تەكبىر، تەسبىـھلەرنى ئېيـتقان چاغـدا ئاۋازىـنى ھەددىـدىن ئارتـۇق يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتمەسلىك توغرىسىدا

975. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەگەر بىز ئېگىزلىكلەرگە چىقساق، « اَللهُ اَكْبَرُ » « ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغ » ، دەيتتۇق. پەسكە چۈشسەك، « سُبْحَانَ اللهُ » « ئاللاھ پاكتۇر » ، دەيتتۇق. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

976. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ۋە قوشۇنلىرى ئېگىزلىكلەرگە چىققان چاغدا « اَللهُ اَكْبَرُ » « ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغ » ، دەيتتى. پەسكە چۈشسە « سُبْحَانَ اللهُ » « ئاللاھ پاكتۇر » ، دەيتتى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرى جايلارغا ئۆرلىگەندە مەنىۋىي يۇقىرىلىقنى ھېسسىي يۇقىرىلىق ئۈستىگە قويۇش يۈزىسىدىن تەكبىر ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. تۆۋەنگە چۈشكەندە بولسا، ئاللاھ تائالانى كەمچىلىك ۋە تۆۋەنلىكتىن پاك ھېسابلاپ تەسبىھ ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

977. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەجدىن ياكى ئۆمرىدىن قايتقاندا بىرەر دۆڭ ياكى ئېگىزلىككە چىقسا، ئۈچ قېتىم « اَللهُ اَكْبَرُ »، د ەپ تەكبىر ئېيتاتتى. ئاندىن: « لا إله إلاَّ اللَّه وَحْدَهُ لا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ المُلْك ولَهُ الحمْدُ، وَهُو على كلِّ شَيءٍ قَدِيرٌ. آيِبُونَ تَائِبُونَ عابِدُونَ ساجِدُونَ لِرَبِّنَا حَامِدُونَ. صدقَ اللَّه وَعْدهُ، وَنَصر عبْده، وَهَزَمَ الأَحزَابَ وحْدَه » « يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، پۈتۈن سەلتەنەت ئاللاھقا خاستۇر، بارلىق مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەر قانداق ئىشقا قادىردۇر. بىز قايتقۇچىلاردۇرمىز، تەۋبە قىلغۇچىلاردۇرمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلاردۇرمىز. سەجدە قىلغۇچىلاردۇرمىز، رەببىمىزگە ھەمد ئېيتقۇچىلاردۇرمىز. ئاللاھ ئۆز ۋەدىسىنى راستقا چىقاردى. بەندىسىگە ياردەم بەردى. ئۆزى يالغۇز دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى » ، دەيتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرىقى ھەدىستىكى مۇھىم نۇقتىغا ئوخشاشلا يۇقىرىغا ئۆرلىگەندە ئاللاھ تائالانى بىر دەپ ئەسلەش، ئاللاھ تائالانىڭ ئىززەتلىگىنىگە شۈكۈر قىلىش ۋە ئۇنىڭ پەزلىنى تونۇپ يېتىشنىڭ، شۇنداقلا تائەت-ئىبادەت ۋە تەۋبە قىلىشقا بەل باغلاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

978. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى: « ئى رەسۇلۇللاھ، مەن سەپەرگە چىققانىدىم، ماڭا نەسىھەت قىلىپ قويغىن » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « عَلَيْكَ بِتقوى اللَّهِ، وَالتَّكبير عَلى كلِّ شَرفٍ » « ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن، بىرەر ئېگىز جايغا چىققاندا، ‹ اَللهُ اَكْبَرُ ، د ېگىن » ، دېدى. ئۇ ئادەم ئارقىغا بۇرۇلۇپ مېڭىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: « اللَّهمَّ اطْوِ لهُ البُعْدَ، وَهَوِّنْ عَليهِ السَّفر » « ئى ئاللاھ، ئۇ كىشى ئۈچۈن سەپەردىكى يىراق مۇساپىنى يېقىن قىلىپ بەرگىن، ئۇنىڭ سەپىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سەپەرگە چىقماقچى بولغان كىشىنىڭ دۇئا ئېلىشى ۋە توغرا يول تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىلىملىك، پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) مۇساپىرغا ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلماقنى تەۋسىيە قىلىش ۋە سەپەر ئەدەبلىرىدىن تەلىم بېرىش بىلەن بىرگە سەپىرىنىڭ مۇشەققەتتىن يىراق، پايدىلىق بولۇشىغا دۇئا قىلىپ قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

979. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: سەپەر ئۈستىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق. كېتىپ بېرىپ بىرەر ئويمانغا چۈشكەن ۋاقتىمىزدا ۋارقىراپ تەھلىل ( لآ اِلٰهَ اِلاَّ اللهُ دېيىش. ― ت) ۋە تەكبىر ئېيتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « يا أَيُّهَا الناس ارْبَعُوا عَلى أَنْفُسِكم فَإنَّكم لا تَدعونَ أَصَمَّ وَلا غَائِباً. إنَّهُ مَعكُمْ، إنَّهُ سَمِيعٌ قَريبٌ » « ئى خالايىق! ئاۋازىڭلارنى پەس قىلىڭلار، سىلەر گاسنى ۋە غايىبنى چاقىرىۋاتقىنىڭلار يوق، ئاللاھ تائالا سىلەر بىلەن بىللە، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، سىلەرگە يېقىندۇر » ، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانى تۆۋەن ئاۋازدا ياد ئېتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىگە كۆيۈنىدىغانلىقى.

3) ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلەرگە يېقىن ئىكەنلىكى.

4) ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە چىڭ ئېسىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سۆھبەتتە بولۇشقا ھېرىسمەن ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ