172. باب سەپەردە دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا
980. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ثَلاثُ دَعَوَاتٍ مُسْتجَابَاتٌ لا شَكَّ فِيهنَّ: دَعْوَةُ المَظلومِ، وَدَعْوَةُ المسَافِرِ، وَدَعْوَةُ الوَالِدِ عَلى وَلدِهِ » « ئۈچ تۈرلۈك دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىدا شەك يوق. ئۇلار: بىرىنچى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى. ئىككىنچى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى. ئۈچىنچى، ئاتىنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان دۇئاسى » .
― ئەبۇ داۋۇد ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇساپىرنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا دۇئا قىلىپ قويۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇساپىرنىڭ دۇئاسىنى ― ئۇ سەپەردە جاپا-مۇشەققەت چەككەچكە ― ئىجابەت قىلىدىغانلىقى.
2) زۇلۇم ۋە ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بەددۇئاسىدىن ساقلىنىش، چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولماي قالمايدۇ.