رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

173. باب يولۇچى كىشىلەردىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن قورققاندا قىلىدىغان دۇئا توغرىسىدا

981. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىرەر قەۋمدىن خەۋپسىرىسە، مۇنداق دۇئا قىلاتتى: « اللَّهُمَّ إِنَّا نجعلُكَ في نحورِهِمْ، ونعُوذُ بِك مِنْ شرُوِرِهمْ » « ئى ئاللاھ، سېنى بىز دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى چارە تېپىپ بەرگۈچى دەپ بىلىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن سەن بىلەن پاناھ تىلەيمىز » .

― ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بېشىغا كۈن چۈشسە ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلىش، زالىم ۋە باشقىلارنىڭ يامانلىقىغا دۇچ كەلگەندە بولسا بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىش. بۇنداق قىلىشنىڭ سەپەردە تېخىمۇ كۈچلۈك تەكىتلىنىدىغانلىقى. چۈنكى، مۇساپىر سەپەردە تۈرلۈك خەۋپكە دۇچ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ