رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

174. باب يولۇچىنىڭ مەنزىلگاھقا چۈشكەندە ئوقۇيدىغان دۇئالىرى توغرىسىدا

982. خەۋلە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: « مَنْ نَزلَ مَنزِلاً ثُمَّ قال: أَعُوذُ بِكَلِمات اللَّهِ التَّامَّاتِ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ، لَمْ يضرَّه شَيْءٌ حتَّى يرْتَحِل مِنْ منزِلِهِ ذلكَ » « كىمكى بىرەر ئورۇنغا چۈشۈپ، ‹نۇقسانسىز، مۇكەممەل كالامۇللاھقا سېغىنىپ، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن›، دېسە، ئۇ كىشى مۇشۇ جايدىن كەتكۈچە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كېچە ياكى كۈندۈزدە بولسۇن، ھەر قانداق پېشكەللىككە دۇچ كەلگەندە بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

983. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەپەردە كېتىۋېتىپ كەچ كىرىپ قالسا، مۇنداق دەيتتى: « يَا أَرْضُ ربِّي وَربُّكِ اللَّه، أَعُوذُ بِاللَّهِ مِنْ شرِّكِ وشَرِّ ما فِيكِ،وشر ماخُلقَ فيكِ، وشَرِّ ما يدِبُّ عليكِ، وأَعوذ باللَّهِ مِنْ شَرِّ أَسدٍ وَأَسْودٍ، ومِنَ الحيَّةِ والعقربِ، وَمِنْ سَاكِنِ البلَدِ، ومِنْ والِدٍ وما وَلَد » « ئى زېمىن، سېنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن سېنىڭ ۋە سەندىكى نەرسىلەرنىڭ شەررىدىن، سەندىن يارىتىلغان نەرسىنىڭ ۋە سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئۆمىلىگۈچىلەرنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن. يولۋاسنىڭ، چوڭ قارا يىلاننىڭ، بارلىق يىلان-چايانلاردىن، شەھەردە ماكانلاشقۇچىلاردىن، ئىبلىس ۋە بارلىق شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن » .

― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سەپەردە بىرەر ئورۇنغا چۈشكەندە، بولۇپمۇ كېچىدە چۈشكەندە بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. چۈنكى، كېچە قاراڭغۇلۇقىدا ئەزىيەت، خەتەرلەر كۈندۈزدىكىدىن كۆپ بولىدۇ. كىمكى بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن ئامان قالغۇسى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ