رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

175. باب ئىشلىرى تۈگىگەن مۇساپىرنىڭ ئائىلىسىگە قايتىشقا ئالدىراشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

984. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « السَّفَرُ قِطْعةٌ مِن العذَابِ، يمْنَعُ أَحدَكم طَعامَهُ، وشَرَابَهُ وَنَوْمَهُ، فإذا قَضَى أَحَدُكُمْ نَهْمَتَهُ مِنْ سَفَرِهِ، فَلْيُعَجِّل إلى أَهْلِهِ » « سەپەر دېگەن بىر تۈرلۈك ئازابتۇر، ئۇ يېيىش-ئىچىشىڭلارغا ۋە ئۇخلىشىڭلارغا كاشىلا بولىدۇ. سەپەرگە چىققان ئادەم مەقسىتى ھاسىل بولغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتىشقا ئالدىرىسۇن » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: سەپەردە ئىشنى تۈگىتىپ بولغان كىشىنىڭ مەيلى بالا-چاقىسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، يۇرتىغا قايتىشقا ئالدىراشقا تەرغىب قىلىش، ئارقىغا سۈرۈشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ