رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

176. باب مۇساپىر ئادەمنىڭ ئۆز ئۆيىگە كۈندۈزى قايتىپ كېلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، زۆرۈر بولمىسا كېچىسى قايتىپ كېلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا

985. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا أَطالَ أَحدُكمْ الغَيْبةَ فَلا يطْرُقنَّ أَهْلَهُ لَيْلاً » « بىرىڭلار ئائىلىسىدىن ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغان بولسا، قايتىپ كەلگەندە ئائىلىسىگە كېچىسى كىرمىسۇن » .

يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردىن كەلگەن كىشىنىڭ ئۆز ئۆيىگە كېچىسى كىرىشنى مەنئى قىلغان، دېيىلگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

986. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردىن قايتقاندا ئۆيىگە كېچىسى كىرمەيتتى. ئەتىگەن ياكى كەچقۇرۇندا كىرەتتى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سەپەردىن قايتقاندا بالا-چاقىلىرىنى چۆچۈتۈپ قويماسلىقى ۋە ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن كېچىدە ئەمەس، بەلكى ئەتىگەن ياكى كەچ تەرەپتە كېلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ئەگەر بالا-چاقىلىرى ئۇنىڭ كېلىشىنى بىلسە ياكى كېچىدە كەلمىسە بولمايدىغان زۆرۈرىيەت بولسا كېچىدە كەلسىمۇ بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ