رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

177. باب سەپەردىن قايتقاندا، يۇرتىنى كۆرگەندە ئوقۇيدىغان دۇئالار توغرىسىدا

987. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە سەپەردىن قايتىپ، مەدىنىگە يېقىن كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ: « آيِبُونَ، تَائِبُونَ، عَابِدونَ، لِرَبِّنَا حَامِدُونَ » « بىز قايتقۇچىلارمىز، تەۋبە قىلغۇچىلارمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز، پەرۋەردىگارىمىزغا ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلارمىز » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى مەدىنىگە كىرگۈچە ئوقۇپ تۇردى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سەپەردىن قايتىپ يۇرتىغا كەلگەندە يۇقىرىقىدەك ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش دۇئالارنى قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. چۈنكى، بۇ دۇئادا تەۋبە، تائەت ۋە شۈكۈر قىلىشقا ئىرادە قىلىش بىلەن يەنە تىنچ-ئامان يۇرتىغا قايتىپ كېلىشتەك نېئمەتكە ئېرىشكەنلىكىگە شۈكۈر قىلغانلىقتەك مەزمۇنلارنىڭ ئىپادىلەنگەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ