178. بـاب سەپــەردىن قايتـــقان كىــشىــنىڭ ئالــدى بىلەن مەھەللىسىدىكى مەسجىدكە كىرىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا
988. كەئب ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەپەردىن قايتقاندا ئالدى بىلەن مەسجىدكە كىرىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سەپەردىن قايتىپ ئۆيگە بېرىشتىن بۇرۇن ئۆيگە ئەڭ يېقىن مەسجىدتە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. بۇنىڭدىكى ھېكمەت شۇكى، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ تۇرۇشنى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن باشلىغانلىق بولىدىغانلىقى.