رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

179. باب ئايال كىشىنىڭ يالغۇز سەپەر قىلىشى توغرىسىدا

989. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَحِلُّ لامْرَأَة تُؤْمِنُ باللَّهِ وَاليَومِ الآخِرِ تُسَافِرُ مَسِيرَةَ يَوْمٍ وَلَيْلَةٍ إلاَّ مَعَ ذِي محْرمٍ عليْهَا » « ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كېچە-كۈندۈزلۈك يولغا سەپەرگە چىقىشى دۇرۇس بولمايدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

990. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « لا يخلُونَّ رَجُلٌ بامْرأةٍ إِلا ومَعَهَا ذُو محْرمٍ، ولا تُسَافِرُ المرْأَةُ إِلاَّ معَ ذِي محْرمٍ » « مەھرەمسىز ئايال يات ئەر بىلەن ئايرىم خالىي جايدا تۇرمىسۇن ۋە مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن » . بىر كىشى رەسۇلۇللاھقا: « ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ ئايالىم ھەج قىلىشقا چىققانىدى، مەن پالانى-پالانى غازاتقا چىقىشقا تىزىملاتقانىدىم » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىگە: « انْطلِـقْ فَحُجَّ مع امْرأَتِكَ » « ماڭغىن، ئايالىڭ بىلەن بىللە ھەج قىلغىن » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئايال كىشىنىڭ ھەج-ئۆمرىدىن باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئېرىدىن ئايرىلىپ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى. شەرىئەت ئالىملىرى ئايال كىشىنىڭ يۇقىرىقىدەك سەپەر قىلىشىنى مەيلى ئۇ سەپەر ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن بىردەك چەكلەيدۇ.

2) ھەنەفىيلەر ئايال كىشىنىڭ سەپىرى ناماز قەسىر قىلىنىدىغان مۇساپىدىن ئۇزۇن بولسا چەكلەيدۇ. ئەمما، شافىئىيلار پەرز ھەج ۋە ئۆمرىدە ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالىسا، مەھرەمسىز سەپەر قىلسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەنەفىيلەر بىلەن ئىمامى ئەھمەد (ھەنبەلى مەزھىپىدىكىلەر) بىردەك بۇنى، يەنى شافىئىيلارنىڭ قارىشىنى بولسا، تۆۋەندىكى دارىلقۇتنى رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « لاَتحجن امْرَأَةٌ إِلَّا وَمَعَهَا ذُومَحْرَمٍ » «ئايال كىشى مەھرەمسىز ھەج قىلمىسۇن»، دېگەن ھەدىسىگە ئاساسلىنىپ جائىز ئەمەس، دەپ قارايدۇ.

3) كۆپ سانلىق ئالىملار ئايال كىشى ھەج قىلىشقا ماڭغان بىر توپ ئاياللار بىلەن بىللە مەھرەمسىز ياكى ئېرىدىن ئايرىلىپ چىقسا بولىدۇ، دەپ قاراشتى. ئىمامى ئەھمەد: «ئەگەر ئايال كىشى بىلەن بىللە ھەج قىلىشقا چىقىدىغان باشقا ئاياللار بولمىسا، چوقۇم ئېرى ياكى مەھرىمى بىلەن بىللە چىقىشى لازىم»، دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئاياللار سەپەرداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ياكى دۈشمەندىن ئەنسىرىگەنگە ئوخشاش زۆرۈر ئەھۋال ئاستىدا يالغۇز سەپەر قىلسا بولىدۇ.

4) ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئاسرايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتكە قالماسلىقىغا ۋە باشقىلارنىڭ چېقىلىشىغا ئۇچرىماسلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى.

5) ئايال كىشى بىلەن خىلۋەت جايدا بولۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى. چۈنكى، بۇنداق قىلىش باشقىلارنىڭ يامان گۇماندا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى ۋە بۇزۇقچىلىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ