رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

180. باب قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

991. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « اقْرَؤُا القُرْآنَ فإِنَّهُ يَأْتي يَوْم القيامةِ شَفِيعاً لأصْحابِهِ » « قۇرئان ئوقۇڭلار، ‹قۇرئان كەرىم› قىيامەت كۈنى قۇرئان ئوقۇغانلارغا شاپائەت قىلىش ئۈچۈن ھازىر بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى، قۇرئاننىڭ قىيامەت كۈنى ئۇنى ئوقۇپ ئەمەل قىلغانلارغا شاپائەت قىلىدىغانلىقى.

992. نەۋۋاس ئىبن سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « يُؤْتى يوْمَ القِيامةِ بالْقُرْآنِ وَأَهْلِهِ الذِين كانُوا يعْمَلُونَ بِهِ في الدُّنيَا تَقدُمهُ سورة البقَرَةِ وَآل عِمرَانَ، تحَاجَّانِ عَنْ صاحِبِهِمَا » « قىيامەت كۈنى قۇرئاننى ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلغان كىشىلەر ھازىر قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن سۈرە بەقەرە ۋە سۈرە ئال ئىمران ئۇلارنى ئوقۇغانلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى، بەقەرە ۋە ئال ئىمران سۈرىسىنى ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە قىيامەت كۈنى بۇ ئىككى سۈرىنىڭ ئۆزىدىكى بۇيرۇلغان ئىشلارغا ئەمەل قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلىرىدىن يانغانلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدىغانلىقى.

993. ئوسمان ئىبن ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « خَيركُم مَنْ تَعَلَّمَ القُرْآنَ وَعلَّمهُ » « سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە قۇرئان ئۆگەتكەن ئادەملەردۇر » .

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: «قۇرئان كەرىم»نى ئۆگىنىشنىڭ پەزىلىتى ۋە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى تەجۋىد قائىدىسى بويىچە ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى، خۇدا رازىلىقىنى ئىزدەپ ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈم، ئەدەپ-ئەخلاقلارغا ئەمەل قىلىپ ئىخلاس بىلەن «قۇرئان كەرىم» ئۆگەتكەنلەرنىڭ پەزىلىتى.

994. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الَّذِي يَقرَأُ القُرْآنَ وَهُو ماهِرٌ بِهِ معَ السَّفَرةِ الكرَامِ البررَةِ، والذي يقرَأُ القُرْآنَ ويتَتَعْتَعُ فِيهِ وَهُو عليهِ شَاقٌّ له أجْران » « قۇرئاننى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇيدىغان ئادەم ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بىلەن بولىدۇ. قۇرئاننى كۆڭۈل قويسىمۇ تەسلىكتە ئوقۇيدىغان ئادەمگە ئىككى ھەسسە ئەجىر بېرىلىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) «قۇرئان كەرىم»نى توغرا، پىششىق ئوقۇيدىغان كىشىنىڭ پەزىلىتى ۋە بۇ كىشىنىڭ ئاخىرەتتىكى قارارگاھىدا ئېسىل پەرىشتىلەر بىلەن بىللە بولىدىغانلىقى.

2) «قۇرئان كەرىم»نى ھەجىلەپ ئوقۇيدىغان كىشىگە ئىككى ھەسسە ئەجىر بولىدىغانلىقى. بىرى، ئوقۇغانلىق ئەجرى، يەنە بىرى قىينىلىپ ئوقۇغاننىڭ ئەجرى.

995. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مثَلُ المؤمنِ الَّذِي يقْرَأُ القرآنَ مثلُ الأُتْرُجَّةِ: ريحهَا طَيِّبٌ وطَعمُهَا حلْوٌ، ومثَلُ المؤمنِ الَّذي لا يَقْرَأُ القُرْآنَ كَمثَلِ التَّمرةِ: لا رِيح لهَا وطعْمُهَا حلْوٌ، ومثَلُ المُنَافِق الذي يَقْرَأُ القرْآنَ كَمثَلِ الرِّيحانَةِ: رِيحها طَيّبٌ وطَعْمُهَا مرُّ، ومَثَلُ المُنَافِقِ الذي لا يَقْرَأُ القرآنَ كَمَثلِ الحَنْظَلَةِ: لَيْسَ لَها رِيحٌ وَطَعمُهَا مُرٌّ » « قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇئمىن لىمۇنغا ئوخشايدۇ، لىمۇن دېگەن ھەم تەملىك ھەم خۇشبۇي بولىدۇ. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇئمىن خورمىغا ئوخشايدۇ. خورمىنىڭ ئۆزى تەملىك بولىدۇ. ئەمما، خۇشبۇي ئەمەس. قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇناپىق رەيھانغا ئوخشايدۇ. رەيھاننىڭ ھىدى خۇشبۇي، تەمى ئاچچىق. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇناپىق ھەنزەلگە ئوخشايدۇ. ھەنزەل (ھەنزەل: ئاچچىق تاۋۇز، كاۋا ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك. ― ت) دېگەن ھەم ئاچچىق بولىدۇ، ھەم خۇشبۇي ئەمەس » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) «قۇرئان كەرىم»نى يادقا ئالغان ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىدە بولىدىغانلىقى. ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن يادلىنىپ تۇرىدىغانلىقى.

2) «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇمايدىغان مۇئمىننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە يەنىلا ياخشى ھېسابلىنىدىغانلىقى.

3) «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇيدىغان مۇناپىقنىڭ تېشى گۈزەل بولغاندىمۇ، ئىچى بۇزۇق بولىدىغانلىقى.

4) «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇمايدىغان مۇناپىقنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ بۇزۇق بولىدىغانلىقى.

996. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ اللَّه يرفَعُ بِهذَا الكتاب أَقواماً ويضَعُ بِهِ آخَرين » « ئاللاھ تائالا مۇشۇ كىتاب، يەنى ‹قۇرئان كەرىم› ئارقىلىق بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلسا، يەنە بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى تۆۋەن قىلىدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىش، چۈشىنىش، يادلاش ۋە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم»گە ئېسىلغان كىشىنىڭ نامى ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن، سەل قارىغان ۋە «قۇرئان كەرىم»گە ئىمان ئېيتمىغان كىشى بولسا خار-زەبۇنلۇققا پېتىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ.

997. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا حَسَدَ إلاُّ في اثنَتَيْن: رجُلٌ آتَاهُ اللَّه القُرآنَ، فهوَ يقومُ بِهِ آناءَ اللَّيلِ وآنَاءَ النَّهَارِ، وَرجُلٌ آتَاهُ اللَّه مالا، فهُو يُنْفِقهُ آنَاءَ اللَّيْلِ وَآنَاءَ النهارِ » « مۇشۇنداق ئىككى خىسلىتى بار ئادەملەردەك بولۇشنى ئارزۇ قىلساڭلار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئاللاھ تائالا قۇرئان ئاتا قىلغان كىشىدۇركى، ئۇنى كېچە ۋە كۈندۈز ئارىلىقلىرىدا ئوقۇپ تۇرىدۇ، يەنە بىرى ئاللاھ تائالا پۇل-مال ئاتا قىلغان، ئۇنى ئاللاھ يولىدا كېچە-كۈندۈز سەرپ قىلىپ تۇرغان كىشىدۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

998. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى سۈرە كەھفنى ئوقۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى قات ئارغامچا بىلەن باغلانغان بىر ئات تۇراتتى. قۇرئان ئوقۇۋاتقان ئادەمنىڭ ئۈستىگە بىر بۇلۇت كېلىپ يېقىنلاشتى. ئۇ كىشىنىڭ ئېتى بۇنىڭدىن ئۈركۈپ كەتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەھۋالنى بايان قىلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: « تِلكَ السَّكِينَةُ تَنَزَّلتْ للقُرآنِ » « شۇ بۇلۇت بولۇپ كۆرۈنگەن نەرسە قۇرئان ئوقۇغان چاغدا چۈشىدىغان خاتىرجەملىكتۇر » ، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: «سۈرە كەھف»نى ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى. ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ كىشىلەرگە كارامەتلەرنى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلالايدىغان قابىلىيەتنى ئاتا قىلىدىغانلىقى.

999. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ قرأَ حرْفاً مِنْ كتاب اللَّهِ فلَهُ حسنَةٌ، والحسنَةُ بِعشرِ أَمثَالِهَا لا أَقول: الم حَرفٌ، وَلكِن: أَلِفٌ حرْفٌ، ولامٌ حرْفٌ، ومِيَمٌ حرْفٌ » « كىمكى قۇرئاندىن بىر ھەرپ ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بېرىلىدۇ. بىر ياخشىلىق ئۈچۈن ئون ياخشىلىقنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. مەن ‹ئەلىف، لام، مىم›نى بىر ھەرپ دەپ ھېسابلىمايمەن، بەلكى ‹ئەلىف› بىر ھەرپ، ‹لام› بىر ھەرپ، ‹مىم› بىر ھەرپتۇر » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) «قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇغۇچىغا ئوقۇغان ھەر بىر سۆزىدىكى ھەر بىر ھەرپى ئۈچۈنمۇ ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى.

1000. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ الَّذي لَيس في جَوْفِهِ شَيْءٌ مِنَ القُرآنِ كالبيتِ الخَرِبِ » « دىلىدا ‹قۇرئان كەرىم›دىن ھېچ نەرسە بولمىغان ئادەم خاراب بولغان ئۆيگە ئوخشايدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: «قۇرئان كەرىم»نى يادلاش ۋە ئۇنى ئوقۇپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم»نى يادلىغان (قارىي)لارنىڭ ياخشىلىق ۋە ئېھسانغا ئېرىشىدىغانلىقى.

1001. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يُقَالُ لِصاحبِ الْقُرَآنِ: اقْرأْ وَارْتَقِ وَرَتِّلْ كَما كُنْتَ تُرَتِّلُ في الدُّنْيَا، فَإنَّ منْزِلَتَكَ عِنْد آخِرِ آيةٍ تَقْرَؤُهَا » « قۇرئاننى ياد قىلىپ ئوقۇپ تۇرغۇچى كىشىگە (قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىدىغان چاغدا): ‹ئوقۇغىن (سەن قۇرئان ئايەتلىرىدىن ياد ئالغان ئايەتلەرنىڭ سانى بويىچە جەننەتنىڭ دەرىجىلىرىگە) ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئاننى تەرتىل بىلەن ئوقۇغىنىڭدەك، بۇ يەردىمۇ شۇنداق ئوقۇغىن، سېنىڭ يادا بىلگەن ئايەتلىرىڭنىڭ ئاخىرقى سانى قانچە بولسا، سېنىڭ جەننەتتىكى دەرىجەڭ شۇ سان بويىچە بولىدۇ›، دېيىلىدۇ » .

― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: «قۇرئان كەرىم»نى يادلىغۇچىغا يادلىغان ئايەتلەرنىڭ سانى قانچىلىك بولسا، جەننەتتە شۇنچە يۇقىرى دەرىجە بېرىلىدىغانلىقى.

بۇ بابتىكى مۇھىم نۇقتىلار: « قۇرئان كەرىم » نى تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىلەن بىللە كۆپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش. « قۇرئان كەرىم » نى ئوقۇپ تامام قىلىپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش. يادلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش. « قۇرئان كەرىم » تەشەببۇس قىلغان ئەخلاقلار بىلەن خۇلۇقلىنىش.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ