رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

181. باب قۇرئاندىن ياد ئالغاننى ئۇنتۇپ قالماي ئوقۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇش توغرىسىدا

1002. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « تَعاهَدُوا هذا الْقُرآنَ فَوَالَّذي نَفْسُ مُحمَّدٍ بِيدِهِ لَهُو أَشَدُّ تَفَلُّتاً مِنَ الإِبِلِ في عُقُلِها » « قۇرئاننى ئوقۇپ تۇرۇڭلار، مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ‹قۇرئان كەرىم› باغلاقتىكى تۆگىدىنمۇ يامان قاچقاقتۇر (داۋاملىق ئوقۇپ تۇرمىسا، تېز ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ) » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: «قۇرئان كەرىم» قايتا-قايتا كۆڭۈل بۆلۈپ ئوقۇغان كىشىنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ قالىدىغانلىقى، ئەگەر كۆڭۈل قويۇپ يادلىمىسا، تۆگە قاچقاندىنمۇ بەك تېز قېچىپ كېتىپ، ئۇنتۇلۇپ قالىدىغانلىقى.

1003. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّمَا مَثَلُ صاحِبِ الْقُرْآنِ كَمَثَلِ الإِبِلِ المُعقَّلَةِ، إِنْ عَاهَد عَليْها أَمْسَكَهَا، وإِنْ أَطْلَقَهَا، ذَهَبَتْ » « قۇرئاندىن تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ئادەمنى باغلاقلىق تۆگىنىڭ ئىگىسىگە تەمسىل قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم تۆگىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدىغان بولسا، ئۇنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرالايدۇ. ئەگەر ئۇنى قويۇۋېتىدىغان بولسا، قېچىپ كېتىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: «قۇرئان كەرىم»نى يادلىغان كىشىنى تۆگە باغلىغان كىشىگە ئوخشاتقانلىقى. ئەگەر ئۇنى باغلاپ، مۇھاپىزەت قىلسا (خەۋەر ئالسا) قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇنى بوش قويۇۋەتسە قېچىپ كېتىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئىزدەپ تېپىشنىڭ قىيىن بولىدىغانلىقى. «قۇرئان كەرىم»نى يادلىغۇچى بىلەن تۆگە باغلىغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق شۇكى، تېز قېچىپ كېتىش ۋە ئۇنتۇلۇپ كېتىشتە.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ