رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

182. باب قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇشنىڭ ياخشىلىقى ۋە قۇرئاننى چىرايلىق ئوقۇيدىغان كىشىنىڭ ئوقۇپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىش توغرىسىدا

1004. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « مَا أَذِنَ اللهُ لِشَيْءٍ مَا أَذِنَ لِنَبِيٍّ حَسَنِ الصَّوْتِ يَتَغَنَّى بِالْقُرْآنِ يَجْهَرُ بِهِ » « ئاللاھ تائالا ھېچبىر نەرسىگە چىرايلىق ئاۋازلىق پەيغەمبەرنىڭ قۇرئاننى چىرايلىق، ئۈنلۈك ئوقۇغىنىغا مەمنۇنىيەت بىلەن قۇلاق سالغىنىدەك قۇلاق سالغان ئەمەس » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان كەرىم» ئوقۇغۇچىنىڭ قۇرئان ئوقۇغاندىكى چىرايلىق ئاۋازى ئۈچۈنمۇ ئەجىر ئەزىم ئاتا قىلىدىغانلىقى. ئەگەر قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇش قۇرئاننىڭ ھەرپلىرىنى كەم-زىيادە قىلىشقا ئېلىپ بارمىسىلا، چىرايلىق ئاۋاز بىلەن ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى.

1005. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: « لَقَدْ أُوتِيتُ مِزْمَارَاً مِنْ مَزَامِيرِ آلِ دَاوُد » « شۈبھىسىزكى، ساڭىمۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايلىق ئاۋازلىرىدىن بولغان بىر ئاۋاز بېرىلگەن » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: «قۇرئان كەرىم»نى تەجۋىد قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا چىرايلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى قۇرئاننىڭ گۈزەللىكى ۋە قەلبلەرگە تەسىر قىلىشى چىرايلىق ئاۋاز ئارقىلىق تېخىمۇ ئېشىپ بارىدىغانلىقى. لېكىن، چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇشقا كۈچىنىپ كېتىپ، تەجۋىد بىلەن ئۆلچەملىك ئوقۇشتىن چەتلەپ كېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

1006. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇپتەندە « تىين » سۈرىسىنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەن ھېچبىر ئادەمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىدىنمۇ چىرايلىق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئەمەسمەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاننى چىرايلىق تىلاۋەت قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بارلىق پەزلىلەر بىلەن مۇكەممەل قىلغانلىقىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى.

1007. ئەبۇ لۇبابە بەشىر ئىبن ئابدۇل مۇنزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ لَمْ يَتَغَنَّ بِالْقُرْآنِ فَلَيْسَ مِنَّا » « كىمكى ‹قۇرئان كەرىم›نى چىرايلىق ئاھاڭ بىلەن ئوقۇمايدىكەن، ئۇ كىشى بىزنىڭ يولىمىزدا ئەمەس » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: «قۇرئان كەرىم»نى چىرايلىق ئاۋازدا تىلاۋەت قىلىشنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن ئىكەنلىكى، چۈنكى چىرايلىق ئاۋازنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ گۈزەللىكى ۋە تەسىرچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقى.

1008. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ماڭا رەسۇلۇللاھ: « اقْرَأْ عَلَيَّ الْقُرْآنَ » « قۇرئاننى ئوقۇپ بەرگىن » ، دېدى. مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ، قۇرئان ساڭا نازىل بولغان تۇرسا، ساڭا ئوقۇپ بېرەمدىم » ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « إِنِّي أُحِبُّ أَنْ أَسْمَعَهُ مِنْ غَيْرِي » « مەن قۇرئاننى ئۆزۈمدىن باشقا ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاشنى ياقتۇرىمەن » ، دېدى. مەن رەسۇلۇللاھقا سۈرە نىسانى ئوقۇپ: ﴿فَكَيْفَ إِذَا جِئْنَا مِنْ كُلِّ أُمَّةٍ بِشَهِيدٍ وَجِئْنَا بِكَ عَلَى هؤُلاءِ شَهِيداً﴾ بىز ھەر ئۈممەتكە بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد) سېنى بۇلارغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 41- ئايەت) دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ: « حَسْبُكَ الآنَ » « ئەمدى بولدى قىلغىن » ، دېدى. مەن رەسۇلۇللاھقا قارىسام، ئۇنىڭ ئىككى كۆزىدىن ياش قۇيۇلىۋېتىپتۇ. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) باشقىلاردىن «قۇرئان كەرىم»نى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى ئويلىنىپ، تەپەككۇر قىلىپ تۇرۇپ تىڭشاش.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىگە ناھايىتى كۆيۈمچان ئىكەنلىكى، ئەھلى ئىلىم ۋە پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ