رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

186. باب ئەزاننىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

1033. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَوْ يعْلمُ النَّاسُ ما في النِّداءِ والصَّفِّ الأَولِ. ثُمَّ لَمْ يَجِدُوا إِلاَّ أَنْ يسْتَهِموا علَيهِ لاسْتهموا علَيْهِ، ولوْ يعْلَمُونَ ما في التَّهْجِير لاسْتبَقوا إَليْهِ، ولَوْ يعْلَمُون ما في العَتَمَةِ والصُّبْحِ لأتوهمُا ولَوْ حبواً » « ئەگەر كىشىلەر ئەزاننىڭ ۋە ئاۋۋالقى سەپتە ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشقا توغرا كەلگەندىمۇ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چەك تاشلىغان بولاتتى. ئەگەر ئۇلار نامازغا ئالدىراشنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، نامازغا چوقۇم بالدۇر كېلەتتى. ئەگەر ئۇلار خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇغاننىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، ئۇلار ئۆمىلەپ بولسىمۇ كەلگەن بولاتتى » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەزان ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ئەزان ئىسلامنىڭ شوئارى ۋە ئىسلامدىكى سۈننەت. مۇئەززىننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتىنىڭ ناھايىتى كاتتا ئىكەنلىكى.

2) بىرىنچى سەپتە ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش. چۈنكى، بىرىنچى سەپتە ناماز ئوقۇغانلار نامازغا دەسلەپكى ۋاقتىدا كەلگەنلەردۇر. شۇنداقلا رەھمەت پەرىشتىلىرى ئىمامغا ئاندىن كېيىن بىرىنچى سەپتىكىلەرگە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى... سەپتىكىلەرگە دۇئا قىلىدۇ.

3) جامائەت نامىزىنىڭ ۋە نامازغا بۇرۇن كېلىشنىڭ پەزىلىتى.

4) خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىنى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ئۇ ئىككى ناماز ئاللاھ تائالاغا بولغان ساداقەتنى (باشقا نامازلارغا قارىغاندا) ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ۋە مۇناپىق-ئازغۇنلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز.

1034. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « المُؤذِّنُونَ أَطْولُ النَّاسِ أعْنَاقاً يوْمَ القِيامةِ » « قىيامەت كۈنى مۇئەززىنلەرنىڭ (يەنى، ئەزان ئوقۇغۇچىلارنىڭ) بويۇنلىرى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئەززىننىڭ شەرىپىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىيامەتتىكى مەرتىۋىلىرىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بايان قىلىش، چۈنكى مۇئەززىن كىشىلەرنى نامازغا چاقىرىپ ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ. كىمكى ياخشىلىققا يېتەكلىسە، شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابى ئۇنىڭغىمۇ يېتىپ تۇرىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە: «مۇئەززىنلەرنىڭ بوينى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ»، دېگەن سۆز قىيامەتتە ئۇلارنىڭ ئورنىنىڭ ۋە مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

1035. ئابدۇللاھ ئىبن ئابدۇراھمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ سەئد ئۇنىڭغا: « مەن بىلىمەن، سەن قىردا پادا بېقىشنى ياخشى كۆرىسەن، ئەگەر سەن پادىدا ياكى قىردا بولساڭ، نامازغا ئەزان ئېيتقىشقا توغرا كەلگەندە، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئەزان ئېيتقىن، چۈنكى ئەزاننى ئاڭلىغان مەيلى ئىنسان، مەيلى جىن ياكى باشقا نەرسە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇئەززىن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدۇ. مەن بۇنى رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغانىدىم » ، دېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالاغا تەكبىر ئېيتىپ، ئۇنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان مۇئەززىننىڭ پەزىلىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش. مۇئەززىننىڭ ئەزانىنى ئاڭلىغان ھەر بىر نەرسىنىڭ قىيامەت كۈنى مۇئەززىن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى ۋە بۇ گۇۋاھلىقنىڭ پايدىسىنىڭ قىيامەت كۈنى مۇئەززىننىڭ پەزىلىتى ۋە مەرتىۋىسىنى ئاشكارىلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى.

2) يالغۇز كىشىنىڭمۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئەزان توۋلاپ ناماز ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

1036. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا نُودِي بالصَّلاةِ، أَدْبرَ الشيْطَانُ و لهُ ضُرَاطٌ حتَّى لا يسْمع التَّأْذِينَ، فَإِذا قُضِيَ النِّداءُ أَقْبَل، حتَّى إِذا ثُوِّبَ للصَّلاةِ أَدْبَر، حَتَّى إِذا قُضِيَ التَّثْويِبُ أَقْبلَ، حَتَّى يخْطِر بَيْنَ المرْءِ ونَفْسِهِ يقُولُ: اذْكُرْ كَذا، واذكُرْ كذا لمَا لَمْ يذْكُرْ منْ قَبْلُ حَتَّى يظَلَّ الرَّجُلُ مَا يدرَي كَمْ صلَّى » « قاچانكى نامازغا ئەزان ئېيتىلغان چاغدا، شەيتان ئەزاننى ئاڭلىماي دەپ ئوسۇرغان پېتى كەينىگە قاراپ تىكىۋېتىدۇ. قاچانكى، ئەزان تۈگىگەندە يەنە كېلىدۇ. نامازغا تەكبىر ئېيتىلغان چاغدا يەنە تىكىۋېتىدۇ. تەكبىر ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە كېلىدۇ. ناماز ئوقۇغان ئىنساننىڭ دىلىغا ئۇنى، بۇنى، كۆڭلىگە كەچمىگەن نەرسىلەرنى سېلىپ ۋەسۋەسە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى نامازنى قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەزاننىڭ پەزىلىتى ۋە ئەزاننىڭ شەيتانلارنى قورقۇنچىغا سېلىپ قاچۇرىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ دىننىڭ ئاساسىي ئەركانلىرىنى جاكارلاۋاتقان، تەۋھىد ئەقىدىسى ئىزھار قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقىنى كۆرۈپ ھەسرەت بىلەن قايتىپ كېتىدىغانلىقى.

2) نامازنى قاتتىق بېرىلىپ ھۇزۇرى دىل بىلەن ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى، نامازدا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ساقلىنىش كېرەكلىكى.

1037. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إِذا سمِعْتُمُ النِّداءَ فَقُولُوا مِثْلَ ما يَقُولُ، ثُمَّ صَلُّوا علَيَّ، فَإِنَّهُ مَنْ صَلَّى علَيَّ صَلاةً صَلَّى اللَّه عَلَيْهِ بِهَا عشْراً، ثُمَّ سلُوا اللَّه لي الْوسِيلَةَ، فَإِنَّهَا مَنزِلَةٌ في الجنَّةِ لا تَنْبَغِي إِلاَّ لعَبْدٍ منْ عِباد اللَّه وَأَرْجُو أَنْ أَكُونَ أَنَا هُو، فَمنْ سَأَل ليَ الْوسِيلَة حَلَّتْ لَهُ الشَّفاعَةُ » « ئەزاننى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا مۇئەززىن نېمە دېسە شۇنى دەڭلار. ئاندىن ماڭا دۇرۇد ئېيتىڭلار. كىمكى ماڭا بىر دۇرۇد ئېيتسا، ئۇنىڭ بىر دۇرۇدى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون رەھمەت ئاتا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالادىن ماڭا ۋەسىلە سوراڭلار، ۋەسىلە دېگەن، جەننەتتىكى بىر يۇقىرى ئورۇن بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا بەندىگە بېرىلىدۇ. شۇ بەندىنىڭ مەن بولۇپ قېلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن، كىمكى ئاللاھ تائالادىن ماڭا شۇ ئورۇننى تىلىسە، ئۇنىڭغا مېنىڭ شاپائىتىم تېگىشلىك بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەزاننىڭ ھەربىر كەلىمىسى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مۇئەززىنگە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ياخشىلىقى. ئىككى « حَيَّ عَلَى » (حَيَّ عَلَى الصَّلاَةِ، حَيَّ عَلَى الفَلاَحِ)دا « وَلاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاّ بِالله العَلِيِّ العَظِيْمِ » «ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ»، دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ياخشىلىقى.

2) ئەزان ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشنىڭ ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇنداق قىلىشنىڭ ئەزان ئېيتقۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىغا سۈننەت ئىكەنلىكى.

4) دۇئا قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچى ھەر ئىككىسىگە پەزلى ۋە ساۋاب-ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى.

1038. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا سمِعْتُمُ النِّداءَ، فَقُولُوا كَما يقُولُ المُؤذِّنُ » « قاچانكى ئەزاننى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا مۇئەززىن نېمە دېسە شۇنى دەڭلار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1039. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « من قَال حِين يسْمعُ النِّداءَ: اللَّهُمَّ رَبَّ هذِهِ الدَّعوةِ التَّامَّةِ، والصَّلاةِ الْقَائِمةِ، آت مُحَمَّداً الْوسِيلَةَ، والْفَضَيِلَة، وابْعثْهُ مقَامًا محْمُوداً الَّذي وعَدْتَه، حلَّتْ لَهُ شَفَاعتي يوْم الْقِيامِة » « كىمكى ئەزاننى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: ‹ئى كامىل ئەزاننىڭ ۋە ھازىر ئوقۇلماقچى بولغان نامازنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جەننەتتىكى يۇقىرى ئورۇننى ۋە ئالىي مەرتىۋىنى بەرگىن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان بۈيۈك شاپائەت قىلىش ماقامىغا يەتكۈزگىن›، دېسە، ئۇ قىيامەت كۈنى مېنىڭ شاپائىتىمگە ئېرىشىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن دۇئا قىلىشنىڭ پەزىلىتى. دۇئا قىلىشقا بۇ ۋاقىتنى بەلگىلەشنىڭ ھېكمىتى شۇ ۋاقىتنىڭ پەزىلىتىدىندۇر. ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئىي رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقىدا قىلىغان دۇئا ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدۇ»، دېگەن.

2) ھەر دائىم ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن دۇئا قىلىش بولسا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ ۋە شاپائەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

3) ماقامى مەھمۇد، ۋەسىلە ۋە شاپائەتلەر پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئىكەنلىكى. ماقامى مەھمۇد ― بۈيۈك شاپائەت قىلىش ماقامى. ۋەسىلە ― جەننەتتىكى بىر ئالىي جاي.

1040. سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ قَال حِينَ يسْمعُ المُؤذِّنَ: أَشْهَد أَنْ لا إِله إِلاَّ اللَّه وحْدهُ لا شَريك لهُ، وَأَنَّ مُحمَّداً عبْدُهُ وَرسُولُهُ، رضِيتُ بِاللَّهِ ربًّا، وبمُحَمَّدٍ رَسُولاً، وبالإِسْلامِ دِينًا، غُفِر لَهُ ذَنْبُهُ » « كىمكى ئەزان ئاڭلىغان چاغدا: ‹گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، شېرىكى يوق يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارىم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبىرىم، ئىسلامنىڭ دىنىم بولغانلىقىغا چىن دىلىمدىن مەمنۇن بولدۇم›، دېسە، ئۇنىڭ گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1041. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « الدُّعَاءُ لا يُردُّ بين الأَذانِ والإِقامةِ » « ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقىدا قىلىنغان دۇئا قوبۇل بولماي قالمايدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەزان ۋە تەكبىر ئارىلىقىدىكى ۋاقىتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ شۇ ۋاقىتتىكى دۇئانى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ