187. باب نامازنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاء وَالْمُنكَرِ﴾ ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنكەبۇت 45- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
1042. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ: « أَرأَيْتُمْ لَوْ أَنَّ نَهْراً بِباب أَحَدِكم يغْتَسِلُ مِنْه كُلَّ يَوْمٍ خَمْس مرَّاتٍ، هلْ يبْقى مِنْ دَرَنِهِ شَيءٌ؟ » « ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەردىن بىر كىشىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭدا كۈنىگە بەش قېتىم يۇيۇنسا، ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟»، دېگەنلىكىنى، ساھابىلەرنىڭ: « ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر دېگەن نەرسە قالمايدۇ » ، دېگەندە، رەسۇلۇللاھنىڭ: « فذلكَ مَثَلُ الصَّلَواتِ الخَمْسِ، يمْحُو اللَّه بهِنَّ الخطَايا » « بەش ۋاخ ناماز ئەنە شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلار ئارقىلىق گۇناھلارنى كەچۈرىدۇ » ، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇشنىڭ ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى.
2) ئاللاھ تائالانىڭ بەش ۋاخ نامازنى شەرت، رۇكنى ۋە ئەدەبلىرى بىلەن تولۇق ئوقۇغان كىشىنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ تۇرىدىغانلىقى، ئەمما چوڭ گۇناھلارغا بولسا تەۋبە قىلىش لازىملىقى.
3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىنى تائەت-ئىبادەتكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مەزمۇنىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ بېرىش ئۈچۈن مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق تەرغىب قىلىدىغان، يوليورۇق كۆرسىتىدىغان ئۇسلۇبىنى بايان قىلغان.
1043. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مثَلُ الصَّلواتِ الخَمْسِ كمثَلِ نهْرٍ غمْرٍ جارٍ عَلى باب أَحَدِكُم يغْتَسِلُ مِنْهُ كُلَّ يَوْمٍ خمْسَ مرَّاتٍ » « بەش ۋاخ نامازنىڭ مىسالى سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئېقىپ تۇرغان ئۆستەڭ بولۇپ، كۈنىگە بەش قېتىم يۇيۇنۇپ تۇرغىنىغا ئوخشايدۇ » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە نامازنىڭ خۇددى سۇ كىرنى يۇغاندەك گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى.
2) نامازنى ئادا قىلىشقا ھېرىس بولۇشنىڭ لازىملىقى.
1044. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم بىر ئايالنى سۆيۈپ سېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿وأَقِم الصَّلاةَ طَرفي النَّهَار وَزُلَفا مِنَ اللَّيْلِ، إِنَّ الْحَسنَاتِ يُذهِبْنَ السَّيِّئَاتِ﴾ كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە (يەنى، ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا) ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇد 114- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ئۇ كىشى: « بۇ ئايەت ماڭىلا خاسمۇ؟ ئى رەسۇلۇللاھ » ، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: « لجمِيع أُمَّتي كُلِّهِمْ » « بارلىق ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى ئۈچۈندۇر » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە نامازنىڭ كىچىك گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقى.
2) يات ئايال كىشىنى سۆيۈش ۋە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش بولسا گۇناھ ئىشلاردىن ئىكەنلىكى.
1045. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الصَّلواتُ الخَمْسُ، والجُمُعةُ إِلى الجُمُعَةِ، كفَّارةٌ لما بَيْنهُنَّ، ما لم تُغش الكبَائِرُ » « كىمكى چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزمىسىلا، ئوقۇغان بەش ۋاخ نامىزى، نامازلىرىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆتكۈزگەن كىچىك گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ. ئوقۇغان جۈمە نامىزى يەنە بىر جۈمەگىچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى كىچىك گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىش ۋە جۈمە نامىزى ئوقۇغان كىشىنىڭ كىچىك گۇناھلىرى يۇيۇلىدىغانلىقى.
2) چوڭ گۇناھلارغا سەمىمىي تەۋبە قىلىش شەرت ئىكەنلىكى.
1046. ئوسمان ئىبن ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « ما مِن امْرِيءٍ مُسْلِمٍ تحضُرُهُ صلاةٌ مَكتُوبةٌ فَيُحْسِنُ وُضُوءَهَا، وَخُشوعَهَا، وَرُكُوعَها، إِلاَّ كانت كَفَّارةً لما قَبْلَهَا مِنْ الذنُوبِ ما لم تُؤْتَ كَبِيرةٌ، وَذلكَ الدَّهْرَ كلَّهُ » « ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان پەرز نامازنى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنىڭ تەرتىپلىرى ۋە رۇكۇ-سەجدىلىرىنى ئوبدان ئورۇنلاپ ئادا قىلسا، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزمىسىلا، ناماز ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كىچىك گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ. بۇ مېنىڭ زامانىمغىلا خاس ئەمەس، ھەر زامان مۇسۇلمانلىرىغا ئومۇمىيدۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نامازنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولۇشى ئۈچۈن تاھارەتنى كامىل ئېلىپ خۇشۇ-خۇزۇ بىلەن رۇكۇ-سەجدىلىرىنى تولۇق قىلىپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە شۇنداق ئوقۇلغان نامازنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقى.