رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

188. باب بامدات نامىزى ۋە ئەسىر نامىزىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

1047. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ صلَّى البرْديْن دَخَلَ الجنَّة » « كىمكى بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇيدىكەن، جەننەتكە كىرىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1048. ئەبۇ زۇھەير ئىبن ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « لَنْ يلجَ النَّار أَحدٌ صلَّى قبْلَ طُلوعِ الشَّمْس وَقَبْل غُرُوبَها » « كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرىكى نامازنى (يەنى بامدات بىلەن ئەسىرنى) ئوقۇغان كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەسىر نامىزى بىلەن بامدات نامىزىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش. چۈنكى، بۇ ئىككى نامازغا كۆڭۈل بۆلگەن كىشىنىڭ دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالىدىغانلىقى. بۇنداق دېگەنلىك باشقا نامازنى ئوقۇماي پەقەت مۇشۇ ئىككى نامازنى ئوقۇش بىلەنلا جەننەتكە كىرگىلى بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. بەش ۋاخ نامازنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئوقۇش، شۇنداقلا بۇزۇقچىلىق، يامان ئىشلار ۋە زۇلۇمدىن يىراق بولۇشتىن ئىبارەت نامازنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. ھەدىستە بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنىلا تىلغا ئېلىش ئۇ ئىككىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكى ئۈچۈن بولغان.

1049. جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ صَلَّى الصُّبْحَ فهُوَ في ذِمَّةِ اللَّهِ فَانْظُرْ يَا ابنَ آدم لاَ يَطْلُبنَّك اللَّه مِنْ ذِمَّتِهِ بِشيءٍ » « كىمكى بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ مۇھاپىزىتىدە بولىدۇ. ئى ئادەم بالىسى! ئاللاھ تائالا سېنى ئۆز مۇھاپىزىتىدە بولغان ئادەمگە چېقىلىشىڭ بىلەن سوئال-سوراق قىلىپ قالمىسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بامدات نامىزىنى داۋاملىق جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ مۇھاپىزىتىدە بولغان ئادەمگە چېقىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇش.

1050. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يَتَعَاقَبُونَ فِيكم مَلائِكَةٌ بِاللَّيْلِ، وملائِكَةٌ بِالنَّهَارِ، وَيجْتَمِعُونَ في صَلاةِ الصُّبْحِ وصلاةِ العصْرِ، ثُمَّ يعْرُجُ الَّذِينَ باتُوا فِيكم، فيسْأَلُهُمُ اللَّه وهُو أَعْلمُ بهِمْ: كَيفَ تَرَكتمْ عِبادِي؟ فَيقُولُونَ: تَركنَاهُمْ وهُمْ يُصَلُّونَ، وأَتيناهُمْ وهُمْ يُصلُّون » « ئاراڭلاردا كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرىشتىلىرى نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئەسىر نامىزى بىلەن بامدات نامىزى ۋاقتىدا جەم بولىدۇ. ئاندىن سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغان پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ. پاك ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى پەرىشتىلەردىن ئوبدانراق بىلىپ تۇرۇپ ئۇلاردىن: ‹بەندىلىرىمنى قايسى ھالدا قويۇپ چىقتىڭلار؟›، دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ئۇلارنى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا قويۇپ چىقتۇق ۋە ئۇلارنىڭ يېنىغا ئۇلار ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا يېتىپ بارغانىدۇق›، دېيىشىدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلەرنى ئۇلار ئىبادەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلار ئەتراپىغا يىغىلىپ ۋە ئايرىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ھۆرمەتلەپ مېھىر-شەپقەت قىلىدىغانلىقى. ئاللاھ تائالانىڭ ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرىپىنى ئىزھار قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىنىڭ پەزلىنى بايان قىلىش يۈزىسىدىن پەرىشتىلەردىن ئۇلار توغرۇلۇق سوراپ تۇرىدىغانلىقى.

1051. جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق. ئۇ ئاسماندىكى ئايغا قاراپ تۇرۇپ: « إنكم سَتَرَوْنَ ربكمْ كما تَروْنَ هذا القَمر، لا تُضَامُّونَ في رُؤْيَتِهِ، فَإِنِ اسْتَطَعْتُمْ أَنْ لا تُغْلبُوا عَلى صلاةٍ قَبْل طُلُوعِ الشَّمْسِ، وَقَبْل غُرُوبها فافْعلُوا » « سىلەر رەببىڭلارنى خۇددى مۇشۇ ئاينى كۆرگەندەك ھېچقانداق توسالغۇسىز ئوچۇق-ئاشكارا كۆرىسىلەر. كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان نامازنى (بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ― ت) ئىمكانىيىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ۋاقتىدا ئوقۇڭلار » ، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھ تائالانى (كۆرۈنۈشىنىڭ قانداقلىنى سۈرۈشتە قىلماستىن، ئاللاھ تائالانىڭ كامالىتىگە لايىق ھالدا) كۆرۈشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى، ئەمما كۇففارلارنىڭ بۇنىڭدىن مەھرۇم ئىكەنلىكى.

2) بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇ ئىككى ناماز ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى كۆرۈش شەرىپىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىش. ئاللاھ تائالانى كۆرۈش بولسا جەننەت لەززەتلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغىدۇر.

1052. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ تَرَكَ صَلاةَ العصْر فَقَدْ حَبِطَ عَملُهُ » « كىمكى ئەسىر نامىزىنى ئوقۇمىسا، ئۇنىڭ ئەمىلى يوققا چىقىرىلىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نامازنى تەرك ئېتىشنىڭ، بولۇپمۇ ئەسىر نامىزىنى تەرك ئېتىشنىڭ ھاراملىقى، ئەسىر نامىزىنىڭلا تىلغا ئېلىنىشى ئۇ نامازغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈندۇر. كىمكى نامازنى تەرك ئېتىشنى توغرا ساناپ تەرك ئەتسە ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى بىكار بولىدۇ. چۈنكى، نامازنى ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ تەرك ئېتىش بولسا، ئۇ نامازنى تەرك ئېتىشنى ھالال سانىغانلىق بولۇپ، ئۇنى كۇفرىغا ئېلىپ بېرىپ قىلغان ئەمەللىرى بىكار قىلىنىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ