رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

189. باب مەسجىدكە پىيادە بېرىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

1053. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ غَدا إِلى المسْجِدِ أَوْ رَاحَ، أَعَدَّ اللَّه لهُ في الجَنَّةِ نُزُلاً كُلَّمَا غَدَا أَوْ رَاحَ » « كىمكى مەسجىدكە ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا بارىدىكەن، ئۇنىڭ بېرىپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتتە چۈشىدىغان جاي ھازىرلايدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەتىگەن ۋە كەچ تەرەپلەردە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە بارغان كىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىززەتلەيدىغانلىقى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئەڭ ئۇلۇغ زات بولۇپ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىر-ساۋابلىرىنى ھەرگىزمۇ بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى.

1054. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ تَطَهَّرَ في بَيْتِهِ، ثُمَّ مَضى إِلى بيْتٍ مِنْ بُيُوتِ اللَّهِ، لِيَقْضِيَ فَرِيضَةً مِنْ فَرائِضِ اللَّهِ كانَتْ خُطُواتُهُ إِحْدَاها تَحُطُّ خَطِيئَةً، والأُخْرى تَرْفَعُ دَرَجَةً » « كىمكى ئۆيىدە تاھارەت ئېلىپ پەرز نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە بارسا، ئۇنىڭ باسقان قەدەملىرىنىڭ بىرى خاتالىقىنى ئۆچۈرىدۇ. يەنە بىرى ئۇنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە بېرىش ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان كىچىك گۇناھلارغا كەففارەت بولىدۇ ۋە ئالغان ھەر بىر قەدىمى باراۋىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا جەننەتتىكى مەرتىۋىلىرىدىن بىر دەرىجە كۆتۈرۈلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-مەرھەمىتى كەڭدۇر. چوڭ گۇناھلار ۋە كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىگە كېلىدىغان بولساق، گۇناھلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى تەۋبە شەرتلىرىگە ئۇيغۇن قىلىنغان تەۋبىگە باغلىق بولىدۇ.

1055. ئۇبەي ئىبن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەنسارىيلاردىن بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى مەسجىدكە ھەممە كىشىنىڭكىدىن يېراق ئىدى. ئۇ كىشى بىرەر ۋاخ نامازغىمۇ كەلمەي قالمايتتى. ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلىپتۇ: « سەن كېچىلەردە ۋە تومۇز ئىسسىقلاردا مەسجىدكە بېرىشتا مىنىۋالىدىغان بىرەر ئېشەك سېتىۋالساڭ بولماسمىدى؟ » . ئۇ: « ئۆيۈمنىڭ مەسجىدكە يېقىن بولۇشى مېنى خۇشال قىلمايدۇ. چۈنكى، مېنىڭ مەسجىدكە بېرىش-كېلىشتىكى قەدەملىرىمگە ساۋاب بېرىلىشىنى تىلەيمەن » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قَدْ جَمَع اللَّه لكَ ذَلكَ كُلَّه » « ساڭا تىلىگەن ساۋابلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى بەرسۇن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مەسجىدكە پىيادە بېرىشنىڭ پەزىلىتى. مەسجىد بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى قانچە يىراق بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ساۋابى شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقى.

2) ھەر قانداق ئەمەلدىكى دۇرۇس نىيەت ۋە ئىخلاسمەنلىك ئىنساننى كاتتا ئەجىرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقى.

1056. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەسجىدنىڭ ئەتراپى چۆللىشىپ قالدى. بەنى سەلەمە جەمەتى مەسجىد يېنىغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولدى. بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: « بَلَغَني أَنَّكُمْ تُريدُونَ أَن تَنْتَقِلُوا قُرْبَ المَسْجِد؟ » « سىلەر مەسجىدنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولۇپسىلەرغۇ؟»، دېدى. ئۇلار: « شۇنداق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، بىز شۇنداق قىلماقچى بولدۇق » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « بَنِي سَلمَةَ ديارَكُمْ تُكْتَبْ آثارُكُمْ، ديارَكُمْ تُكْتَبْ آثارُكُمْ » « ئى بەنى سەلەمە جامائەسى، جايىڭلاردىن قوزغالماڭلار، باسقان قەدىمىڭلارنىڭ ساۋابى يېزىلىپ تۇرىدۇ، جايىڭلاردىن قوزغالماڭلار، باسقان قەدىمىڭلارنىڭ ساۋابى يېزىلىپ تۇرىدۇ » ، دېدى. ئۇلار: « ئەمدى بىزنى كۆچۈش خۇشال قىلمايدۇ، جايىمىزدا تۇرۇۋېرىمىز » ، دېيىشتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مەسجىدكە يىراقتىن پىيادە بېرىپ-كېلىشنىڭ پەزىلىتىنىڭ ئارتۇق بولىدىغانلىقى.

2) شەھەر ئەتراپىدىن يىراقلىشىپ كەتمەي دەپ ياكى مەسجىدكە بېرىپ-كېلىشتە جاپا تارتىپ قالماي دەپ ئۆينى مەسجىدكە يېقىن سېلىۋېلىش ياخشى ئەمەس. چۈنكى، ئەجىر-ساۋاب جاپا-مۇشەققەت تارتقانلىقىغا قاراپ بولىدۇ.

3) زېمىن ئۆز ئۈستىدە بولۇپ ئۆتكەن ھەممە ئەمەللەرنى خاتىرىلەپ يېزىپ تۇرىدۇ.

1057. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ أَعْظَم الناس أَجرًا في الصَّلاةِ أَبْعَدُهُمْ إِليْها ممْشًى فَأَبْعَدُهُمْ. والَّذي يَنْتَظرُ الصَّلاةَ حتَّى يُصلِّيها مَعَ الإِمامِ أَعْظَمُ أَجراً مِنَ الذي يُصلِّيها ثُمَّ يَنَامُ » « كىشىلەر ئارىسىدىن نامازنىڭ ساۋابىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكۈچىلەر يىراقتىن يوللارنى بېسىپ كەلگەن كىشىلەردۇر. نامازنى ئىمام بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرغان كىشىنىڭ ساۋابى نامازنى ئۆزى يالغۇز ئوقۇپ ئۇخلاپ قالغان كىشىنىڭكىدىن كۆپتۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆي بىلەن مەسجىد ئارىلىقى يىراق بولغانسېرى قەدەملەر ۋە مۇشەققەتمۇ كۆپىيىدۇ-دە، بۇنىڭغا ساۋاب تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. جامائەت بىلەن بىللە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كۈتۈش نامازنى ئاۋۋالقى ۋاقتىدا يالغۇز ئوقۇۋېلىپلا ئۇخلىغاندىن ياخشى. چۈنكى، جامائەت نامىزىنىڭ پەزىلىتى كۆپتۇر.

2) نامازنى كۈتۈپ تۇرغان كىشىگە ناماز ئوقۇغانلىق ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى.

1058. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « بشِّروا المَشَّائِينَ في الظُّلَمِ إِلى المسَاجِدِ بِالنُّور التَّامِّ يَوْمَ القِيامَةِ » « قاپقاراڭغۇ چاغلاردا مەسجىدلەرگە پىيادە بارغان كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ نۇرلىرىنىڭ زىيادە بولۇشى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىڭلار » .

― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نامازغا، بولۇپمۇ خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىغا مەسجىدكە پىيادە بېرىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق قىلغان كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى فىلسىراتنى يورۇتۇپ بېرىدىغان نۇر بىلەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقى.

1059. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَلا أَدُلُّكُمْ عَلى مَا يمْحُو اللَّهُ بِهِ الخَطَايَا، وَيَرْفَعُ بِهِ الدَّرَجَاتِ؟ » « مەن سىلەرنى ئاللاھ تائالا گۇناھىڭلارنى ئۆچۈرۈپ، دەرىجەڭلارنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويايمۇ؟»، دېگەندە، كىشىلەر: « شۇنداق قىلغىن، ئى رەسۇلۇللاھ! » ، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إِسْباغُ الْوُضُوءِ عَلى المَكَارِهِ، وَكَثْرَةُ الخُطَا إِلى المَسَاجِدِ، وَانْتِظَارُ الصَّلاةِ بعْد الصَّلاةِ، فَذلِكُمُ الرِّباطُ، فَذلكُمُ الرِّباطُ » « قىيىن ئەھۋالدىمۇ تاھارەتنى كامىل ئېلىش ۋە مەسجىدكە كۆپ بېرىش ۋە بىر نامازدىن كېيىن يەنە بىر نامازغا تەقەززا بولۇپ كۈتۈش. مانا بۇ ئەمەللەر قەلب چېگراسىنى شەيتاندىن ساقلىماقتۇر » ، دېدى.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مەسجىدتىن يىراق ئۆيلەرنىڭ (نامازغا بېرىش ئۈچۈن كۆپ قەدەم ئېلىشقا توغرا كەلگەچكە) پەزىلىتىنىڭ چوڭلۇقى.

2) قاتتىق سوغۇقتا سوغۇق سۇ بىلەن تاھارەت ئالغانغا ئوخشاش مۇشەققەت ئىشلارنى ئۆزىگە يۈكلىگەن ئادەمنىڭ ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى.

3) نامازنى كۈتۈشنىڭ ھەقىقىي غازاتقا تەييارلىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقى. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئۆز نەپسى بىلەن كۈرەش قىلغانلىق بولۇپ، ئۆز نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ چوڭ جىھاد ھېسابلىنىدىغانلىقى. 4) نامازنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەت ئىكەنلىكى.

1060. ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا رَأَيْتُمُ الرَّجُلَ يَعْتَادُ المَسَاجِد فاشْهدُوا لَهُ بِالإِيمَانِ » « بىر كىشىنىڭ مەسجىدكە داۋاملىق كېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭ ئىمانىغا گۇۋاھلىق بېرىڭلار، چۈنكى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّمَا يَعْمُرُ مَسَاجِدَ اللَّهِ مَنْ آمَن بِاللَّهِ والْيَومِ الآخِرِ﴾ شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ («قۇرئان كەرىم» سۈرە تەۋبە 18- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) » .

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇسۇلماننىڭ تاشقى ئەھۋالىغا قاراپ ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ بارلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىشكە بولىدىغانلىقى.

2) ھەر دائىم مەسجىدكە بېرىپ ناماز ئوقۇشنىڭ، مەسجىدنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ۋە مەسجىدنى ئاۋات قىلىش، تائەت-ئىبادەت قىلىش، ئاللاھ تائالانى ئەسلەش ۋە مەسجىدتە ئىلىم تەلەپ قىلىش، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش، شۇنداقلا باشقىلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ يېتەكلەشكە ئوخشاش ئىشلارنىڭ پەزىلىتى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ