رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

190. باب نامازنى كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

1061. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَزَالُ أَحَدُكُمْ في صَلاةٍ مَا دَامتِ الصَّلاَةُ تَحْبِسُهُ، لا يَمْنَعُهُ أَنْ يَنْقَلِبَ إِلى أَهْلِهِ إِلاَّ الصَّلاةُ » « سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازنى دەپ ئۆيىگە قايتماي تۇرغان بولسا، ئۇ ھامان نامازغا تۇرغان ۋاقىتتىكىدەك ساۋابقا ئېرىشىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نامازنى كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكى. كىشى بىرەر دۇنياۋى غەرەزسىز نامازنى كۈتۈپ تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ كۈتۈپ تۇرغان ۋاقتىدىمۇ نامازغا تۇرغاندەك ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى.

1062. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « المَلائِكَةُ تُصَلِّي عَلَى أَحَدِكُمْ مَا دَامَ في مُصَلاَّهُ الَّذي صَلَّى فِيهِ مَا لمْ يُحْدِثْ، تَقُولُ: اللَّهُمَّ اغْفِرْ لَهُ، اللَّهُمَّ ارْحَمْهُ » « بىرەرسىڭلار ناماز ئوقۇيدىغان جايىدىلا بولىدىكەن، تاھارىتى سۇنۇپ كەتمىسىلا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن رەھمەت تىلەپ: ‹ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغفىرەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغىن›، دەيدۇ.

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەرىشتىلەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغان جايدا ئۇزۇن ئولتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

1063. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىر ئاخشىمى خۇپتەننى يېرىم كېچىگىچىلىك كېچىكتۈردى. نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىزگە يۈزلىنىپ مۇنداق دېدى: « صَلىََّ النَّاسُ وَرَقَدُوا ولَمْ تَزَالُوا في صَلاةٍ مُنْذُ انْتَظَرْتُموها » « بەزى كىشىلەر نامازنى يالغۇز ئوقۇپ بولۇپلا ئۇخلاپ قالدى، سىلەر بولساڭلار كۈتۈپ تۇرغان چاغلىرىڭلاردىن ھازىرغا قەدەر نامازنىڭ ئىچىدە تۇرغان ھېسابلىنىسىلەر » .

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) خۇپتەننى كېچە يېرىمىغىچە كېچىكتۈرۈپ ئوقۇشنىڭ جائىز بولىدىغانلىقى، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرغان ئادەمنڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى ئالدىراپ كېتىپ نامازنى يالغۇز ئوقۇۋالغان ئادەمنىڭ ساۋابىدىن ئارتۇق بولىدىغانلىقى.

2) نامازنى ئالدىراپ، ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇۋېلىشنىڭ كېچىكتۈرۈپ ئوقۇغاندىن ئارتۇقراق بولىدىغانلىقى. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپ ھاللاردا نامازنى ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇغان. بۇ «نامازنى كۈتۈپ تۇرغۇچىنىڭ ساۋابى ئارتۇق بولىدۇ»، دېگەن سۆزگە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇش ئۈچۈن نامازنى كۈتۈپ تۇرۇش ئالاھىدە ئىبادەت بولۇپ، بۇنىڭغا ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ