رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

192. باب بامدات ۋە خۇپتەندە جامائەتكە ھازىر بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدا

1071. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « مَنْ صَلَّى العِشَاءَ في جَـمَاعَةٍ، فَكَأَنَّما قامَ نِصْف اللَّيْل وَمَنْ صَلَّى الصبْح في جَمَاعَةٍ، فَكَأَنَّما صَلَّى اللَّيْل كُلَّهُ » « كىمكى خۇپتەننى جامائەت بىلەن ئوقۇسا، گويا كېچىنىڭ يېرىمىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەندەك بولىدۇ. كىمكى بامداتنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا، گويا كېچىچە ناماز ئوقۇغاندەك بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

تىرمىزىينىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن، دېيىلىدۇ: « مَنْ شَهِدَ العِشَاءَ في جمَاعةٍ كان لهُ قِيامُ نِصْفِ لَيْلَة، ومَنْ صَلَّى العِشَاءَ والْفَجْر في جمَاعَةٍ، كَانَ لَهُ كَقِيَامِ لَيْلَة » « كىمكى خۇپتەننى جامائەت بىلەن ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭغا يېرىم كېچە ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. كىمكى خۇپتەن بىلەن بامداتنى جامائەت بىلەن ئوقۇيدىكەن ئۇنىڭغا پۈتۈن كېچە ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ » .

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە بۇنىڭ ئەجرىنىڭ پۈتۈن بىر كېچە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغانلىقىغا باراۋەر بولىدىغانلىقى.

1072. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « وَلَوْ يعْلَمُونَ مَا في العَتمَةِ والصُّبْحِ لأَتَوْهُما وَلَو حبْوًا » « ئەگەر كىشىلەر خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇغاننىڭ ساۋابىنى بىلەلىگەن بولسا ئىدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ ئۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا كەلگەن بولاتتى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: خۇپتەن بىلەن بامداتنى جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى. بۇ ئىككى نامازنىڭ تىلغا ئېلىنىشى بامدات ۋاقتىنىڭ شېرىن ئۇيقۇدىكى ۋاقىت ۋە خۇپتەن ۋاقتىنىڭ كىشىنى ئۇيقۇ بېسىپ، مۈگدەپ قالىدىغان ۋاقىت بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

1073. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَيْسَ صَلاةٌ أَثْقَلَ عَلَى المُنَافِقينَ مِنْ صلاة الفَجْرِ وَالعِشاءِ وَلَوْ يَعْلَمُونَ ما فِيهما لأَتَوْهُما وَلَوْ حبْوًا » « ناماز ئىچىدە بامدات ۋە خۇپتەن نامىزى مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر تۇيۇلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى نامازنىڭ ساۋابىنى بىلسە، ئۇلار بۇ نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشقا ئۆمىلەپ بولسىمۇ كەلگەن بولاتتى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ