193. باب بەش ۋاخ نامازنى داۋاملىق ئوقۇشقا بۇيرۇش ۋە ئۇلارنى تەرك ئېتىشتىن قاتتىق مەنئى قىلىش ۋە بەش ۋاخ نامازنى تەرك ئەتسە قاتتىق ئازابقا قالىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿حَافِظُواْ عَلَى الصَّلَوَاتِ والصَّلاَةِ الْوُسْطَى﴾ (بەش ۋاخ) نامازنى، بولۇپمۇ ناماز دىگەرنى داۋاملاشتۇرۇڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 238- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿فَإِن تَابُواْ وَأَقَامُواْ الصَّلاَةَ وَآتَوُاْ الزَّكَاةَ فَخَلُّواْ سَبِيلَهُمْ﴾ ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 238- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
1074. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھتىن: « ھەممىدىن ئەۋزەل ئەمەل قايسى؟»، دەپ سورىدىم. رەسۇلۇللاھ: « الصَّلاةُ على وَقْتِها » « ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز » ، دېدى. مەن: « ئاندىن قالسىچۇ؟»، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: « بِرُّ الوَالِدَيْنِ » « ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش » ، دېدى. مەن: « ئاندىن قالسىچۇ؟»، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: « الجهادُ في سَبِيلِ اللَّهِ » « ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلىش » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1075. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « بُنِيَ الإِسَلامُ على خَمْسٍ: شَهادَةِ أَنْ لا إِلهَ إِلاَّ اللَّه، وأَنَّ مُحمداً رسولُ اللَّهِ، وإِقامِ الصَّلاةِ، وَإِيتاءِ الزَّكاةِ، وَحَجِّ البَيْتِ، وَصَوْمِ رَمضانَ » « ئىسلام دىنى بەش ئەركان ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىرىنچىسى، ‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى›، دەپ گۇۋاھلىق بېرىش. ئىككىنچىسى، ناماز ئوقۇش. ئۈچىنچىسى، زاكات بېرىش. تۆتىنچىسى، ھەج قىلىش. بەشىنچىسى، روزا تۇتۇش » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىسلام مۇشۇ بەش ئاساسقا ئىشىنىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. كىمكى بۇلاردىن بىرىنى ئىنكار قىلسا ئىسلام دىنىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. كىمكى سەل قاراپ ئۇلاردىن بىرىنى تەرك ئېتىدىكەن پاسىق بولغان بولىدۇ.
1076. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أُمِرْتُ أَنْ أُقاتِلَ الناسَ حتَّى يَشْهدُوا أَنْ لا إِله إِلاَّ اللَّه وَأَنَّ مُحَمَّدًا رسولُ اللَّهِ، وَيُقِيمُوا الصَّلاَة، ويُؤْتُوا الزَّكاةَ، فَإِذا فَعَلُوا ذلكَ عَصمُوا مِنِّي دِماءَهُمْ وَأَمْوَالَهمْ إِلاَّ بحقِّ الإِسلامِ، وَحِسَابُهْم على اللَّهِ » « مەن كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) بىلەن تاكى ئۇلار ‹بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى›، دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن، ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىشقا ئەمر قىلىندىم. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا ئۇلارنىڭ قانلىرى، ماللىرى مېنىڭ ئالدىمدا دەخلىسىز بولىدۇ. پەقەت ئىسلامدىكى ھەد، قىساس بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىشى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىسلام دىنىنىڭ ئەركانلىرىنى تولۇق ئادا قىلغان مۇسۇلماننىڭ جېنى ۋە مېلى دەخلىسىز بولۇپ، چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقى. كىمكى ئۇنىڭغا چېقىلىدىكەن، شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بويىچە قىساس ياكى رىجىم، ياكى ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىشتەك جازا بېرىلىدىغانلىقى.
2) ئەمما، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا پۈككەنلىرىدىن ھېساب ئىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىشى ئىكەنلىكى.
1077. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز ئىبن جەبەلنى يەمەنگە ئەۋەتىش ۋاقتىدا مۇنداق دېگەن: « إِنَّكَ تأْتي قَوْمًا منْ أَهْلِ الكتاب، فَادْعُهُمْ إِلى شَهَادةِ أَنْ لا إِله إِلاَّ اللَّه، وأَنِّي رسولُ اللَّه، فَإِنْ هُمْ أَطاعُوا لِذلكَ، فَأَعْلِمهُم أَنَّ اللَّه تَعالى افْتَرَض عَلَيْهِمْ خمْسَ صَلواتٍ في كلِّ يَوْمٍ ولَيْلَةٍ، فَإِنْ هُمْ أَطَاعُوا لِذلكَ، فأَعْلِمهُم أَنَّ اللَّه تَعَالى افْتَرَض علَيْهِمْ صَدقة تُؤْخَذُ مِنْ أَغْنِيائِهم فَتُردُّ عَلى فُقَرائِهم، فَإِنْ هُمْ أَطَاعُوا لِذلَكَ، فَإِيَّاكَ وكَرائِم أَمْوالِهم وَاتَّقِ دَعْوة َالمظْلُومِ، فَإِنَّهُ لَيْسَ بَيْنَهَا وبيْنَ اللَّهِ حِجَابٌ » « سەن ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار. ― ت)نىڭ يېنىغا كېتىۋاتسەن. بارغاندىن كېيىن ئۇلارنى ‹بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا مەبۇد يوق. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى›، دەپ كەلىمە شاھادەت ئېيتىشقا دەۋەت قىلغىن. بۇنى قوبۇل قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاخ نامازنى پەرز قىلغانلىقىنى ئېيتقىن. بۇنى قوبۇل قىلسا، بايلىرىنىڭ ماللىرىدىن زاكات ئېلىنىپ، كەمبەغەللىرىگە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقىن. بۇنى قوبۇل قىلسا، زاكاتنى ئۇلارنىڭ ياخشى ماللىرىدىن ئالمىغىن. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بەد دۇئاسىدىن ساقلانغىنكى، مۇنداق دۇئا بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئارىسىدا پەردە-ھىجاب يوق (بۇنداق دۇئا چاپسان قوبۇل بولىدۇ، دېگەن مەنىدە.― ت).
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1078. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إِنَّ بَيْنَ الرَّجُلِ وَبَيْنَ الشِّرْكِ والكُفْرِ تَرْكَ الصَّلاةِ » « كىشى بىلەن شېرىك ۋە كۇفرى ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك ئېتىشتۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىسلام بىلەن ياكى كۇفرى بىلەن سۈپەتلىنىشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ نامازنى ئادا قىلىش ياكى تەرك ئېتىش ئىكەنلىكى. كىمكى نامازنى ئىنكار قىلىپ تەرك قىلىدىكەن، ئىماندىن ئاجرايدىغانلىقى. كۆپ سانلىق ئالىملار بۇ ھەدىستىكى كۇفرىلىقنى نامازنى تەرك ئېتىشنى ھالال سانىغان كىشىگە قارىتىلغان، دەپ قارايدۇ. ئەمما، نامازغا سەل قاراپ ياكى ھورۇنلۇق قىلىپ تەرك ئەتكەن كىشىگە قارىتا، بىر قىسىم ئالىملار ھەد يۈرگۈزۈلىدۇ، مۇسۇلمان بولۇپ قېلىۋېرىدۇ، دەيدۇ.
1079. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « العهْدُ الذي بيْنَنا وبَيْنَهُمْ الصَّلاةُ، فمنْ تَرَكَهَا فَقدْ كَفَرَ » « بىز بىلەن مۇناپىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدە نامازدۇر. كىمكى نامازنى تەرك ئېتىدىكەن ئۇ كۇففارلاردىن بولغان بولىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نامازنى ھورۇنلۇق قىلىپ تەرك ئەتكەن كىشىنى ئىماندىن ئاجرىغانلىق ۋە مۇرتەد دەپ قاراش بىر قىسىم ساھابە ۋە ئالىملارنىڭ قارىشى. ئەمما، كۆپ سانلىق ئۆلىمالار نامازنى تەرك ئېتىشنى ھەق سانىغان ۋە ئۇنڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشىنى كۇففارلاردىن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر بۆلۈك ئالىملار بولسا: نامازنى تەرك ئېتىش كىشىنى ئاخىرى كۇفرىغا ئېلىپ بارىدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، گۇناھلار كۇفرىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. يەنە بىر قىسىم ئالىملار بۇ ھەدىسنى نامازنى تەرك ئېتىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، توساش ئۈچۈن ئېيتىلغان، دەپ قارايدۇ.
1080. شەقىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى نامازدىن باشقا بىرەر ئەمەلنىڭ تەرك ئېتىلىشىنى كۇفرىلىق، دەپ قارىمايتتى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ناماز مەسىلىسىنىڭ بەك چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكى ۋە نامازنى ھەر دائىم ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا نامازنى تەرك ئېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.
1081. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ أَوَّل ما يُحاسبُ بِهِ العبْدُ يَوْم القِيامةِ منْ عَملِهِ صلاتُهُ، فَإِنْ صَلُحت، فَقَدْ أَفَلحَ وَأَنجح، وإن فَسدتْ، فَقَدْ خَابَ وخَسِر، فَإِنِ انْتقَص مِنْ فِريضتِهِ شَيْئاً، قال الرَّبُّ، عَزَّ وجلَّ: انظُروا هَلْ لِعَبْدِي منْ تَطَوُّع، فَيُكَمَّلُ بها ما انْتَقَص مِنَ الفَرِيضَةِ؟ ثُمَّ تكونُ سَائِرُ أَعمالِهِ عَلى هذا » « بەندىدىن قىيامەت كۈنى تۇنجى ھېساب ئېلىنىدىغان ئەمەل نامازدۇر. ئەگەر ناماز دۇرۇس ئادا قىلىنغان بولسا، ئۇ ئادەم نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. ئەگەر نامىزى دۇرۇس رەۋىشتە ئادا قىلىنمىغان بولسا، ئۇ ئادەم زىيانكار بولىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ پەرز نامازلىرىدا نۇقسان كۆرۈلسە، ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ‹قاراڭلار، بەندەمنىڭ قىلغان نەفلى ئىبادەتلىرى بارمۇ؟ نەفلى ئىبادەتلىرى بولسا، پەرزدىن كەملەپ قالغان جايلىرى نەفلى ئىبادەتلىرى بىلەن تولۇقلانسۇن›. ئاندىن ئۇنىڭ قالغان ئەمەللىرى ئۈستىدىنمۇ شۇ بويىچە ھېساب-كىتاب قىلىنىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەرزلەرنى پۇختا، كامىل ئادا قىلىشقا ۋە پەرزلەرنى ياخشى ئادا قىلىش، كەم-كۇتا قىلىپ قويماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.
2) پەرز نامازلارنى ئادا قىلىشتا ھەر قانداق ئادەم خالىي بولالمايدىغان يېتەرسىزلىكلەرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن نەفلى ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.