194. باب ئالدىنقى سەپنىڭ پەزىلىتى ۋە ئالدىنقى سەپنى توشقۇزۇشقا، سەپنى تۈز قىلىشقا، سەپتە بىر-بىرىگە يېقىن تۇرۇشقا بۇيرۇش توغرىسىدا
1082. جابىر ئىبن سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ مەسجىدكە چىقىپ بىزگە: « أَلا تَصُفُّونَ كما تُصُفُّ الملائِكَةُ عِنْدَ رَبِّهَا؟ » « پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارى ئالدىدا سەپ تارتىپ تۇرغاندەك تۇرمامسىلەر » ، دېدى. بىز: « ئى رەسۇلۇللاھ، پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارى ئالدىدا قانداق سەپ تارتىپ تۇرىدۇ؟ » ، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: « يُتِمُّونَ الصُّفوفَ الأُولَ، ويَتَراصُّونَ في الصفِّ » « ئۇلار ئاۋۋالقى سەپنى تولدۇرىدۇ، سەپتە رۇس تۇرىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سەپلەرنى تۈز قىلىش ۋە بىرىنچى سەپتىن باشلاپ سەپلەرنى توشقۇزۇش، شۇنداقلا سەپتە يەنە بىر ناماز ئوقۇغۇچى پاتقۇدەك بوش جاي قالدۇرماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش. سەپلەرنى بوش قويۇشنىڭ جامائەت ساۋابىنى ئېلىشتىن مەھرۇم قىلىپ قويىدىغانلىقى.
1083. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لوْ يعلَمُ الناسُ ما في النِّدَاءِ وَالصَّفِّ الأَوَّلِ، ثُم لَمْ يجِدُوا إِلاَّ أَنْ يَسْتَهِمُوا عَلَيْهِ لاسْتَهمُوا » « ئەگەر كىشىلەر ئەزاننىڭ ۋە ئاۋۋالقى سەپتە ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشقا توغرا كەلگەندىمۇ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چەك تاشلىغان بولاتتى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بىرىنچى سەپنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىش، چۈنكى بىرىنچى سەپتە ناماز ئوقۇغۇچى ئىمامغا يېقىن بولغاچقا، ئىمامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئەھۋاللىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق توغرا يولنى تاپالايدۇ-دە، باشقىلاردىن بۇرۇن ساۋابقا ئېرىشىدۇ.
1084. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « خَيْرُ صُفوفِ الرِّجالِ أَوَّلُهَا، وشرُّها آخِرُهَا وخيْرُ صُفوفِ النِّسَاءِ آخِرُها، وَشرُّهَا أَوَّلُهَا » « ئەرلەرنىڭ سېپىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئالدىنقى سەپتۇر. ئەڭ يامىنى بولسا ئاخىرقى سەپتۇر. ئاياللارنىڭ سەپلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاخىرقى سەپتۇر. ئەڭ يامىنى بولسا ئالدىنقى سەپتۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەر كىشىلەرگە ئارقىدىكى سەپتىن ئالدىدىكى سەپ ياخشى. چۈنكى، ئالدىدىكى سەپ ئىمامغا يېقىن ۋە ئاياللارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى كۆرۈپ قېلىپ، پىتنىگە چۈشۈپ قېلىشتىن يىراق.
2) ئايال كىشىلەرگە ئارقىدىكى سەپ ئالدىدىكى سەپتىن ياخشىراق. چۈنكى، ئارقىدىكى سەپ ئەرلەردىن يىراق بولۇپ، پىتنىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. ھەدىستىكى «سەپلەرنىڭ ياخشىسى ۋە يامىنى»، دېگەندىكى «ياخشى-يامان» سۆزى گۇناھقا قارىتىلغان ئەمەس، ساۋابنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قارىتىلغان.
1085. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ سەپنى ئۆزىدىن يىراقراق قىلىپ تۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا: « تقَدَّمُوا فأَتمُّوا بِي، وَليَأْتَمَّ بِكُمْ مَنْ بَعْدَكُم، لا يزالُ قَوْمٌ يَتَأَخَّرُونَ حَتى يُوخِّرَهُمُ اللَّه » « ئالدىغا ئۆتۈڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، سىلەرگە سىلەرنىڭ كەينىڭلاردىكى كىشىلەر ئەگەشسۇن، بىرەر قەۋم پەزىلەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن كەينىگە چېكىنىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ساۋابنى قولغا كەلتۈرۈشتىن چېكىندۈرۈۋېتىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەخلاق ۋە ياخشى ئىشلاردا ئۆزئارا بەسلىشىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى. كۆڭۈل تارتقان ئىشلارغا بېرىلىپ، ياخشى ئىشلارنى تەرك ئېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى.
2) ئىمام بىلەن بىرىنچى سەپ ۋە باشقا سەپلەرنىڭ ئارىلىقلىرى ئۈچ گەز ئەتراپىدا بولۇشى، بۇنداق بولغاندا بىرىنچى سەپتىكىلەر ئىمامنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىمۇ كېيىنكى سەپتىكىلەر ئالدىدىكى سەپنى كۆرۈپ ئىمامغا تەڭ، بىردەك ئەگىشەلەيدۇ.
1086. ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا بىزنىڭ مۈرىلىرىمىزنى تۇتۇپ، سەپنى تۈزەيتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: « اسْتوُوا ولا تَختلِفوا فتَخْتَلِفَ قُلُوبُكُمْ، لِيلِيني مِنْكُم أُولُوا الأَحْلامِ والنُّهَى، ثمَّ الذينَ يلُونَهمْ، ثُمَّ الذِين يَلُونَهمْ » « سەپراس تۇرۇڭلار، نېرى-بېرى تۇرماڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار باشقا-باشقا بولۇپ كېتىدۇ. ماڭا سىلەردىن بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئاقىلراق بولغانلىرىڭلار يېقىن تۇرسۇن، ئاندىن ئۇلارغا يېقىن بولغان كىشىلەر، ئاندىن ئۇلارغا يېقىن بولغان كىشىلەر يېقىن تۇرسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىمامنىڭ ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپلىرىنى توغرىلىشىغا بۇيرۇشى. ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن سەپتە تۈز تۇرمىسا، ئىمام ئۇلارنىڭ سەپلىرىنى بىۋاسىتە تۈزلىشى لازىملىقى.
2) ئىمامنىڭ كەينىدىكى سەپتە ئىلىم، ئەقىل ۋە ياشقا چوڭراق كىشىلەرنىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەپلەردە ئادەتتىكى كىشىلەر، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسىدە كىچىك بالىلار، ئۇلارنىڭمۇ كەينىدە ئاياللارنىڭ تۇرۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
1087. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سَوُّوا صُفُوفَكُمْ، فَإنَّ تَسْوِيةَ الصَّفِّ مِنْ تَمامِ الصَّلاةِ » « سەپراس تۇرۇڭلار، چۈنكى سەپنىڭ تۈز بولۇشى نامازنىڭ تولۇق ئوقۇلغانلىقىدۇر » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سەپتە تۈز تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش. سەپلەرنىڭ تۈزلىكى نامازنىڭ ياخشى بولۇشىنى، جامائەتلەرنىڭ نامازغا تولۇق بېرىلگەنلىكىنى، كۆرۈنۈشىنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە قەلبلىرىنىڭ بىردەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
1088. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، نامازغا تەكبىر ئېيتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ: « أَقِيمُوا صُفُوفَكُمْ وتَراصُّوا، فَإنِّي أَراكُمْ مِنْ وَرَاءِ ظَهْرِي » « سەپراس، بىر-بىرىڭلارغا يېقىن تۇرۇڭلار، مەن سىلەرنى كەينىمدىن كۆرۈپ تۇرىمەن » ، دېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: بىزنىڭ بىرىمىز مۈرىسىنى ھەمراھىنىڭ مۈرىسىگە، پۇتىنى ھەمراھىنىڭ پۇتىغا تەگكۈزۈپ تۇراتتى، دېيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىمام بولغان كىشىنىڭ ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپلىرىگە قاراپ سەپنى تۈز قىلىشقا بۇيرۇشى، ئەگەر ئېھتىياجلىق بولسا، سەپلەرنى ئۆزى بىۋاسىتە تۈزلەپ قويۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەيەردە بولمىسۇن، كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ كۆرۈپ تۇرۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان مۆجىزىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى.
1089. نۇئمان ئىبن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَتُسوُّنَّ صُفُوفَكُمْ، أَوْ ليُخَالِفَنَّ اللَّه بَيْنَ وجُوهِكُمْ » « ناماز ئوقۇغاندا سەپتە رۇس تۇرۇشىڭلار كېرەك. ئۇنداق بولمىسا ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا تەپرىقە سېلىپ قويىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ سەپلىرىمىزنى خۇددى ئوقيانىڭ ئوقلىرىنى رۇسلىغاندەك رۇسلايتتى. ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىدىكىدەك سەپراس تۇرىدىغان بولغىنىمىزغا قەدەر شۇنداق قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى چىقىپ تەكبىر ئېيتىلىدىغان چاغدا بىر كىشىنىڭ كۆكرىكىنىڭ سەپتىن چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ: « عِبَادَ اللَّهِ، لَتُسَوُّنَّ صُفُوفَكُمْ، أَوْ لَيُخَالِفَنَّ اللَّه بيْنَ وجُوهكُمْ » « ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! سىلەر چوقۇم سەپراس تۇرۇڭلار، ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا تەپرىقە سېلىپ قويىدۇ » ، دېدى.
1090. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۈرە ۋە مەيدىلىرىمىزنى سىلاپ، سەپنى تۈزەش ئۈچۈن ئۇ باشتىن-بۇ باشقىچە ئارىلاپ « لا تَخْتَلِفُوا فَتَخْتَلِفَ قُلُوبُكُمْ : « نېرى-بېرى تۇرماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار چەلەڭگۈش بولۇپ قالىدۇ » ، دەيتتى ۋە يەنە: « إن اللَّه وَمَلائِكَتَهُ يُصَلُّونَ على الصُّفُوفِ الأُوَلِ » « ئالدىنقى سەپتە تۇرغانلارغا ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ، ئۇلارغا پەرىشتىلەرمۇ مەغفىرەت تەلەپ قىلىدۇ » ، دەيتتى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
1091. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَقِيمُوا الصُّفُوفَ وَحَاذُوا بَينَ المنَاكِب، وسُدُّوا الخَلَلَ، وَلِينُوا بِأَيْدِي إِخْوَانِكُمْ، وَلا تَذَرُوا فَرُجَاتٍ للشيْطانِ، ومَنْ وصَلَ صَفًّا وَصَلَهُ اللَّه، وَمَنْ قَطَعَ صَفًّا قَطَعهُ اللَّه » « سەپراس تۇرۇڭلار، مۈرەڭلەرنى تەكشى قىلىڭلار، بوش قالغان يەرنى تولدۇرۇڭلار، سەپ تۈزىگۈچى قېرىندىشىڭلارغا مۇلايىم بولۇڭلار، شەيتانغا يوچۇق قالدۇرماڭلار، كىم ئالدىنقى سەپكە يەتسە ئاللاھ تائالامۇ ئۇنى مۇرادىغا يەتكۈزىدۇ. كىمكى ئالدىنقى سەپنى ئۈزۈپ قويسىلا (بوشلۇق تولدۇرۇلمىسا) ئاللاھ تائالامۇ ئۇنى ئۈزۈپ قويىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سەپلەرنى تۈز قىلىشنىڭ ۋە تولدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئالدىنقى سەپ توشقۇزۇلماي تۇرۇپ، يېڭىدىن سەپ تۈزۈشكە بولمايدىغانلىقى.
2) بۇ ھەدىستە سەپلەرنى بوش قويۇپ قويۇشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئالدىنقى سەپ توشقۇزۇلماي ياكى ئازراق بوش ئورۇن بار تۇرۇپ ئۆزى يەنە بىر سەپتە تۇرۇش ۋە سەپلەرنى تۈز قىلماسلىق بولسا، شەيتاننىڭ شۇنداق ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسەتكەنلىكى ۋە ۋەسۋەسىسى ئىكەنلىكى.
1092. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « رُصُّوا صُفُوفَكُمْ، وَقَاربُوا بَيْنَها، وحاذُوا بالأَعْناق، فَوَالَّذِي نَفْسِي بيَدِهِ إِنَّي لأَرَى الشَّيْطَانَ يَدْخُلُ منْ خَلَلِ الصَّفِّ، كأنَّها الحَذَفُ » « سەپلىرىڭلارنى تۈپتۈز قىلىپ تۇرۇڭلار، سەپلەرنىڭ ئارىلىقىنى يېقىن قىلىڭلار، بوينۇڭلارنى تەكشى قىلىپ تۇرۇڭلار، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەن شەيتانلارنىڭ سەپلەر ئارىسىدىن خۇددى قارا پاقلاندەك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمەن » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سەپلەرنى تۈز قىلىش ۋە بىر-بىرىگە يېقىن قىلىش، ئىككى سەپنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن ئۈچ گەزدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئۆزرىسىز ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ جامائەت نامىزىنىڭ ساۋابىدىن قۇرۇق قويىدىغانلىقى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەيتانلارنى كۆرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە ۋەسۋەسە قىلىپ، سەپلىرىدە تۈز تۇرۇشتىن پەرۋاسىز قىلىپ قويغانلىقىنى كۆرۈشى ھەقىقىي كۆرۈش بولۇشى مۇمكىن ياكى شەيتاننىڭ نامازغا دەخلى قىلىدىغان بارلىق ئىشلارغا رازى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرۈلگەن ئىلىمگە ئائىت كۆرۈش بولۇشى مۇمكىن.
1093. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَتمُّوا الصَّفَّ المقدَّمَ، ثُمَّ الَّذي يلِيهِ، فَمَا كَانَ مَنْ نقْصٍ فَلْيَكُنْ في الصَّفِّ المُؤَخَّرِ » « ئالدىنقى سەپنى تولدۇرۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەپنى تولدۇرۇڭلار. بوش قالىدىغان سەپ ئاخىرقى سەپ بولسۇن » . ― ئەبۇ داۇۋد رىۋايەت قىلغان.
1094. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ اللَّه وملائِكَتَهُ يُصلُّونَ على ميامِن الصُّفوف » « سەپنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغانلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلىدۇ. پەرىشتىلەر مەغفىرەت تىلەيدۇ » .
― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىمامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. ئالىملار ئېيتىدۇ: مەسجىدكە كىرگەندە ئىمامنىڭ كەينى تەرىپىدە كىشىلەر بولۇپ، ئىككى يېنى بىكار بولسا ئوڭ تەرەپكە بېرىپ تۇرۇش. بۇ خىل تۇرۇش ئىمامنىڭ كەينى تەرەپ ئۇدۇلىدىن سەپنى باشلاشقا زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، ئوڭ تەرەپتە تۇرۇش ئوتتۇرىدا تۇرۇپ بولغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ.
1095. بەرا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغاندا ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالام بەرگەندە بىز تەرەپكە يۈزلىنەتتى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « رَبِّ قِنِي عذَابَكَ يَوْمَ تَبْعَثُ أَوْ تَجْمَعُ عبَادَكَ » « ئى رەببىم! بەندىلىرىڭنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان ياكى مەھشەرگاھقا يىغىلىدىغان كۈندە مېنى ئازابىڭدىن ساقلىغىن » ، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1096. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « وسِّطُوا الإِمامَ، وَسُدُّوا الخَلَلَ » « ئىمامنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇڭلار، سەپتە بوش قالغان ئورۇننى تولدۇرۇڭلار » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.