رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

195. باب پەرز نامازلارغا قوشۇپ ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلارنىڭ پەزىلىتى ۋە نامازلارنىڭ سان ۋە ساۋابىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى ۋە ئوتتۇراھال بولۇشى توغرىسىدا

1097. ئۇممۇ ھەبىيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « مَا مِنْ عبْدٍ مُسْلِم يُصَلِّي للَّهِ تَعَالى كُلَّ يَوْمٍ ثِنْتَيْ عشْرةَ رَكْعَةً تَطوعاً غَيْرَ الفرِيضَةِ، إِلاَّ بَنَى اللَّه لهُ بَيْتاً في الجَنَّةِ، أَوْ: إِلاَّ بُنِي لَهُ بيتٌ في الجنَّةِ » « قانداق بىر مۇسۇلمان بەندە ئاللاھ تائالانى دەپ كۈندە 17 رەكئەت پەرزدىن باشقا 12 رەكئەت نەفلى ناماز ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئون ئىككى رەكئەت ئىختىيارى نامازنى ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. ھەدىستە كۆرسىتىلگەن ئىختىيارى ناماز سۈننەت نامازلارنى ۋە چاشگاھ نامازلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1098. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن پېشىندىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت، پېشىندىن كېيىن ئىككى رەكئەت، جۈمەدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، شامدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇم » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرىقى نەفلى نامازلارنى ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. كۈندىلىك سۈننەت نامازلار ئون رەكئەت بولۇپ، ئۇلار بامداتتىن بۇرۇنقى ئىككى رەكئەت، پېشىن نامىزىدىن بۇرۇنقى ئىككى رەكئەت، كېيىنكى ئىككى رەكئەت. ناماز شامدىن كېيىنكى ئىككى رەكئەت ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنكى ئىككى رەكئەت. كۆپ سانلىق ئالىملار جۈمە نامىزىنى پېشىن نامىزىغا ئوخشاش دەپ قارايدۇ. يۇقىرىقى كۈندىلىك سۈننەت ئىبادەتلەرنى ئۆيدە ئوقۇغان ئەڭ ياخشى.

1099. ئابدۇللاھ ئىبن مۇغەففەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « بَيْنَ كُلِّ أَذانَيْنِ صَلاةٌ، بيْنَ كلِّ أَذَانيْنِ صَلاةٌ، بَيْنَ كُلِّ أَذَانَيْنِ صَلاةٌ » « ھەر ئىككى ئەزاننىڭ ئوتتۇرىسىدا ناماز بار، ھەر ئىككى ئەزاننىڭ ئوتتۇرىسىدا ناماز بار » ، دەپ، ئۈچىنچىسىدە: « خالىغان كىشى ئۈچۈن شۇنداق » ، دېگەن.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەش ۋاخ نامازنىڭ ھەممىسىدە ئەزان بىلەن نامازغا تۇرغاندىكى ئىقامەت ئارىلىقىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. بۇ ئىككى رەكئەت نامازنىڭ يۇقىرىقى ھەدىستە سۆزلەنگەن ئون رەكئەت كۈندىلىك سۈننەت نامازلاردەك تەكىتلەنمەيدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ