رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

196. باب بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشنى تەكىتلەش توغرىسىدا

1100. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت ۋە بامداتتىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت نامازنى تاشلىمايتتى » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

1101. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەفلى نامازلىرى ئىچىدە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى باشقا نەفلى نامازلارغا قارىغاندا ھەممىدىن مۇھىم بىلەتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1102. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « رَكْعتا الفجْرِ خيْرٌ مِنَ الدُّنيا ومَا فِيها » « بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئارتۇقتۇر » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1103. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئەززىنى بىلال ئىبن رەباھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن كەلگەن. بۇ چاغدا ئائىشە ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى سوراپ، ئۇنى ھايال قىلىپ قويغانلىقتىن تاڭ بەك يورۇپ كەتكەن. بىلال قوپۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چاقىرىپ قويۇپ نامازغا ئەزان ئېيتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىكىپرەك چىقىپ كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرگەن. بىلال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئائىشەنىڭ بىر ئىشنى سوراپ ئۆزىنى ھايال قىلىپ قويۇپ تاڭنىڭ يورۇپ كەتكەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ كېچىكىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إِني كُنْتُ رَكَعْتُ ركعتي الفَجْرِ » « مەن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئۆتەش بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن » ، دېدى. بىلال: « ئى رەسۇلۇللاھ، تاڭنى بەك يورۇتۇۋەتتىڭ » ، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لوْ أَصبَحتُ أَكْثَرَ مِما أَصبَحتُ، لرَكعْتُهُما، وأَحْسنْتُهُمَا وَأَجمَلْتُهُمَا » « ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىنمۇ بەك يورۇتۇۋەتسەممۇ، ئۇ ئىككى رەكئەت سۈننەتنى شۇنداق چىرايلىق ۋە مۇكەممەل ئادا قىلىپ، ئاندىن مەسجىدكە چىقاتتىم » ، دېدى.

― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇش تەكىتلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز-ھەرىكىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ ئىككى رەكئەت نامازنىڭ ئادا قىلىنىشىنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىشى بىلەن بىللە ئۇلارنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇش دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەردىن ياخشى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ.

2) ۋاقىت يېتىشسىلا بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى سۈننەتكە مۇۋاپىق رەۋىشتە پۈتۈن ئەركانلىرى بىلەن تېخىمۇ تولۇق ئادا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ